خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 27- كۈنى، نيۇ يوركقا جايلاشقان ب د ت باش ئىشتابىدا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى كونگونىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكى قارار لايىھەسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا ئاۋاز بەردى. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 27- مارت بىردەك قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كونگودىكى تىنچلىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكى ۋە ئۇنىڭ ھەربىي ئارىلىشىش قوشۇنىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2019- يىلى 3- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بىر يىل ئۇزارتقانلىقىنى جاكارلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى مۇزى فوتوسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى