باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى

(2018-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2018.03.27 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس پەرمانى

  3-نومۇرلۇق

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلدۇق، ئېلان قىلغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2018-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى

  مۇندەرىجە

  1-باب ئومۇمىي قائىدە

  2-باب رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى

  3-باب رېۋىزىيە دائىرىسى ۋە باشقۇرۇش تەۋەلىكى

  4-باب رېۋىزىيە ھوقۇقى

  5-باب رېۋىزىيە تەرتىپى

  6-باب چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق

  7-باب رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە رېۋىزىيە خادىملىرىنى نازارەت قىلىش

  8-باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

  9-باب قوشۇمچە قائىدە

  1-باب ئومۇمىي قائىدە

  1-ماددا دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت رېۋىزىيەسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن بۇ قانۇن تۈزۈپ چىقىلدى.

  2-ماددا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت رېۋىزىيەسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك جۇڭگوچە دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

  3-ماددا ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتلىرى دۆلەت رېۋىزىيەسى فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزىدىغان مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئورگان بولۇپ، بۇ قانۇنغا ئاساسەن ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ھۆكۈمەت خادىملىرى دېيىلىدۇ)نى رېۋىزىيە قىلىدۇ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايى قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ.

  4-ماددا رېۋىزىيە كومىتېتى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن رېۋىزىيە ھوقۇقىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، مەمۇرىي ئورگان، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ دەخلىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

  رېۋىزىيە ئورگىنى ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسى ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەت دېلوسىنى بېجىرگەندە، سوت ئورگىنى، تەپتىش ئورگىنى، قانۇننى ئىجرا قىلىش تارمىقى بىلەن ئۆز ئارا ماسلىشىشى، بىر-بىرىنى چەكلىشى كېرەك.

  رېۋىزىيە ئورگىنى خىزمەت جەريانىدا ياردەمگە موھتاج بولسا، ئالاقىدار ئورگان ۋە ئورۇنلار رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قانۇن بويىچە ياردەملىشىشى كېرەك.

  5-ماددا دۆلەت رېۋىزىيەسى خىزمىتىدە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا قاتتىق بويسۇنۇش، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش؛ قانۇننى تەتبىقلاشتا بىردەك ئادىل بولۇپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ھوقۇق-مەسئۇلىيەتتە باراۋەر بولۇپ، قاتتىق نازارەت قىلىش؛ جازالاش بىلەن تەربىيەلەشنى، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر