باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2018.03.28 16:46   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ  كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى كومىتېتىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇن 25-مارتتىن 28-مارتقىچە ئېلىمىزدە بىرەسمىي زىيارەتتە بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي چوڭ زالىدا كىم جۇڭئۇننى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى كومىتېتىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇن 25-مارتتىن 28-مارتقىچە ئېلىمىزدە بىرەسمىي زىيارەتتە بولدى.

  زىيارەت مەزگىلىدە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن ۋە رەپىقىسى رى سولجۇنى قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى ھەم بىرلىكتە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  سۆھبەتتە شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كىم جۇڭئۇننىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىز ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تېلېگرامما ئەۋەتىپ مېنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىمنى، پارتىيە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەنلىكىمنى تەبرىكلىگەن ئىدىڭىز، نەچچە كۈن ئاۋۋال يەنە تۇنجى بولۇپ تېلېگرامما ئەۋەتىپ مېنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە، دۆلەت مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسىلىكىگە سايلانغانلىقىمنى تەبرىكلىدىڭىز، بۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىڭىزنىڭ پۇرسىتى ئالاھىدە، ئەھمىيىتى زور بولۇپ، بۇ يولداش كومىتېت باشلىقى ۋە چاۋشيەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تولۇق ئىپادىلەيدۇ، بىز بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمىز.

  كىم جۇڭئۇن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردا، جۇڭگودا چوڭ، خۇشاللىنارلىق ئىشلار ئۈزلۈكسىز بولدى، بۇلتۇر ج ك پ 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلدى، يېقىندا يەنە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» غەلىبىلىك ئېچىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ. سىز پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندىڭىز ھەم دۆلەت رەئىسلىكىگە، دۆلەت مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلاندىڭىز، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ئەنئەنىسى بويىچە، مەن جۇڭگوغا كېلىپ سىزنى يۈز تۇرانە تەبرىكلەشكە تېگىشلىك. ھازىر، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نۇرغۇن مۇھىم ئۆزگىرىشلەر بولدى، دوستلۇق ۋە ئەخلاق جەھەتتىن بولسۇن مەنمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭغا ئەھۋاللارنى يۈز تۇرانە مەلۇم قىلىشىم كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى شەخسەن ياراتقان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى. ئەينى يىللارنى ئەسلەيدىغان بولساق، پېشقەدەم رەھبەرلىرىمىز ئورتاق غايە-ئېتىقاد ۋە چوڭقۇر ئىنقىلابىي دوستلۇقنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، ئۆز ئارا قوللىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىغا بىر بۆلەك قالتىس سەھىپىنى پۈتكەن. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئىزچىل قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك باردى-كەلدى قىلىپ كەلدى. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا ياردەم بېرىشىپ، ئۆز ئارا ماسلىشىپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. مەن ۋە كومىتېت باشلىقى ئىككىمىز جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنى باشتىن ئۆتكۈزگۈچىلەر ۋە ئۇنىڭغا شاھىت بولغۇچىلارمىز. ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىلدۈردۇق. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تارىخ ۋە رېئاللىق ئاساسىدا، خەلقئارا رايون ۋەزىيىتى ۋە جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىنى مەۋقە قىلىپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىمىز، شۇنداقلا بىردىنبىر توغرا تاللىشىمىز، بۇ ۋاقتىنچە ۋە بىرەر ئىش تۈپەيلى ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ
    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…