باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2018.03.29 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 28-مارت چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك باشلاش -- ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېمەك ئىسلاھات چوڭقۇر قاتلاملىق مەنپەئەت ئەندىزىسىنى تەڭشەش ۋە تۈزۈم سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىشكە يەنىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىسلاھاتنىڭ مۇرەككەپلىكى، سەزگۈرلۈكى، مۈشكۈللىكى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، شۇڭا پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «تۇنجى نۆۋەتلىك مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ خۇلاسىلەش ۋە كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئويلىشىش توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا «تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «شاڭخەي پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە»، «خەلقئارا ماكرو ئىقتىساد سىياسەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا قاتنىشىدىغان مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىسادنى تۈزەش قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «جۇڭگو(گۇاڭدۇڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»، «جۇڭگو(تيەنجىن) ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»، «جۇڭگو(فۇجيەن) ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»، «پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مائاش بېكىتىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ساقچىلارنىڭ ۋەزىپە تەرتىپىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ ساقچىلىق تېخنىكا ۋەزىپىسى تەرتىپىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «تۈرلەرنى باھالاش، ئىختىساسلىقلارغا باھا بېرىش، ئاپپاراتلارنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «پەن تەتقىقات سەمىمىيىتى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»، «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «خەلق مۇرەسسەچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىر. ماس يۇقىرى ئۈنۈمنى ئەلالاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپپارات، فۇنكسىيە، خادىملارنى ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلايدىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەت رېۋىزىيە سىستېمىسى قۇرۇش كېرەك. ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قىسىمدا بىر-بىرىنى چەكلەيدىغان مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىزىگە سولاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر