باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە شىنجاڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى نۆۋەتچى پويىزدىن 34 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىدۇ

2018.03.28 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27- مارت، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىللىق چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىن قۇمۇل، كورلا، كۇيتۈن ۋە غۇلجا قاتارلىق تۆت يۆنىلىشكە قارىتا، نۆۋەتچى يولۇچىلار پويىزىدىن 34 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا بارىدىغانغا نۆۋەتچى پويىزدىن سەككىز قېتىملىق پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 4- ئاينىڭ 4-، 5-، 6-، 7- كۈنلىرى، ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا قارىتاD8818 قېتىملىق بىر نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىكەن. ئۇ نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالدا سائەت 17دىن بىر مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، سائەت 20دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە قۇمۇل ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنە قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان D8815 قېتىملىق بىر نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز قۇمۇل ۋوگزالدىن سائەت 9دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، سائەت 13دە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ 4-ئاينىڭ 5-، 6-، 7-كۈنلىرى، قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگە يەنە D8817 قېتىملىق بىر نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز قۇمۇل ۋوگزالدىن سائەت 12دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، سائەت 16دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قارىتا، K6726/7 قېتىملىق بىر نۆۋەتچى ئادەتتىكى تېز پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز 4-ئاينىڭ 3-، 4-كۈنلىرى قاتنايدىكەن؛ ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن سائەت 22دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، ئىككىنچى كۈنى سائەت 7دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ كورلىدىن ئۈرۈمچىگە قارىتا، K6728/5 قېتىملىق بىر نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز 4-ئاينىڭ 4- ۋە 7-كۈنلىرى قاتنايدىكەن، ئۇ نۆۋەتچى پويىز كورلا ۋوگزالىدىن سائەت 23دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، ئىككىنچى كۈنى سائەت 7دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن. پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى، تۇرپان ۋوگزالى ، خوشۇت ۋوگزالى ، يەنچى ۋوگزالى ، كورلا ۋوگزالىدا توختايدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قارىتا، K6701 قېتىملىق ئادەتتىكى بىر تېز پويىزدىن تۆت قېتىم نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز 4-ئاينىڭ 3-، 4-كۈنلىرى قاتنايدىكەن، ئۇ نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن سائەت 22دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، ئىككىنچى كۈنى سائەت 8دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە غۇلجا ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان K6702 قېتىملىق بىر نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز 4-ئاينىڭ 4-، 7-كۈنلىرى قاتنايدىكەن، ئۇ نۆۋەتچى پويىز غۇلجا ۋوگزالىدىن سائەت 20دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، ئىككىنچى كۈنى سائەت 9دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن. پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالى، شىخەنزە ۋوگزالى، ساۋەن ناھىيەسى ۋوگزالى، كۇيتۈن ۋوگزالى، جىڭ جەنۇبىي ۋوگزالى، نىلقا ۋوگزالى، غۇلجا ۋوگزالىدا توختايدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىن كۇيتۇنگە قارىتا،K9751/2 قېتىملىق ئادەتتىكى بىر نۆۋەتچى تېز پويىزدىن 18 قېتىم نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز 4-ئاينىڭ 4-، 5-، 6-، 7-، كۈنلىرى قاتنايدىكەن؛ ئۇ نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن سائەت 11دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، سائەت 13دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە كۇيتۇن ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ كۈيتۈندىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغانK9752 قېتىملىق بىر نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز 4-ئاينىڭ 4-، 5-، 6-، 7-كۈنلىرى قاتنايدىكەن، ئۇ نۆۋەتچى پويىز كۈيتۈندىن سائەت 15دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە يولغا چىقىپ، سائەت 17دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن.

  ئۈرۈمچىدىن كۇيتۇنگە بارىدىغان قارىتا، يەنە K9753 قېتىملىق بىر نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز 4-ئاينىڭ 3-، 4-، 5-، 6-، 7-كۈنلىرى قاتنايدىكەن، ئۇ نۆۋەتچى پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن سائەت 15دە يولغا چىقىپ، سائەت 18دىن 2 مىنۇت ئۆتكەندە كۇيتۇن ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن؛ كۈيتۈندىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان K9754 قېتىملىق بىر نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتچى پويىز 4-ئاينىڭ 4-، 5-، 6-، 7-، 8-كۈنلىرى قاتنايدىكەن، ئۇ نۆۋەتچى پويىز كۇيتۇن ۋوگزالىدىن سائەت 11دە يولغا چىقىپ، سائەت 13دىن 33 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىكەن. پويىز ئۈرۈمچى ۋوگزالى، شىخەنزە ۋوگزالى، ساۋەن ناھىيەسى ۋوگزالى، كۇيتۈن ۋوگزالىدا توختايدىكەن.

  شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى كەڭ يولۇچىلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: كىشىلەر چوكانتال بايرىمىدا كۆپەيتىلگەن پويىزلارنىڭ بېلىتىنى توردا (تېلېفون APPمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىنىدۇ)، تېلېفوندا، ياكى پويىز ئىستانسىسى، ۋاكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى ئارقىلىق سېتىۋالسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر