باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا مېيىپ كىشىلەرنى ئايروپىلانغا چىقىرىپ قويىدىغان تۇنجى ماشىنا رەسمىي ئىشقا ‏كىرىشتۈرۈلدى

2018.03.30 15:05   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدا مېيىپ كىشىلەرنى ئايروپىلانغا چىقىرىپ قويىدىغان تۇنجى ماشىنا رەسمىي ئىشقا ‏كىرىشتۈرۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- مارت، يولۇچى سابىر مۇنداق دېدى: ئايروپىلاننىڭ يېنىغا خۇددى بىر لېفت ئورنىتىپ قويغاندەك، ئادەمنى ئايروپىلانغا سىلىققىنە چىقىرىپ، ئايروپىلاننىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ قويىدىكەن، بەك قولايلىقكەن.

  يېقىندا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى تەرىپىدىن بىر خىل ماشىنا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ خىل ماشىنا بولسا، ھەمىشە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان، ياكى زەمبىل بىلەن توشۇلۇشقا توغرا كېلىدىغان يولۇچىلارنى ئايروپىلانغا چىقىرىش ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت قىلىدىغان ماشىنىدۇر. ھازىر بۇ خىل ماشىنا تۇنجى بولۇپ شىنجاڭدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن مېيىپ كىشىلەردىن ئىبارەت بۇ خىل ئالاھىدە يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشى ۋە چۈشۈشى تېخىمۇ قولاي ۋە تېز بولىدىغان بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مېيىپ يولۇچىلارنى ئايروپىلانغا چىقىرىپ قويىدىغان بۇ خىل ماشىنىغا چاقلىق ئورۇندۇقنى مۇقىملاشتۇرغۇچ جاھاز ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ جاھاز چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ جايىدىن مىدىراپ قوزغىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن؛ بۇ ماشىنىنىڭ قوللىنىلىشى ھەر خىل ئايروپىلانلار بىلەن جىپسىلىشالايدىغان بولۇپ، ئۇ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغان يولۇچىلارغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

  يولۇچى سابىر بولسا، مېيىپ يولۇچىلارنى ئايروپىلانغا چىقىرىپ قويىدىغان بۇ خىل ماشىنىنى تۇنجى بولۇپ قوللانغان يولۇچى بولۇپ، ئۇ، بۇ مۇلازىمەتنى ماختىدى.

  سابىر يەنە مۇنداق دېدى: ھەرىكەت قىلىشى ئەپسىز بولغان يولۇچىلار ئەگەر چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغان، ياكى زەمبىلدە توشۇلۇشقا مەجبۇر بولىدىغان بولسا، ئايروپىلاننىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، ياكى تېببىي خادىملار ئىلگىرى بۇ خىل يولۇچىلارنى ئايروپىلانغا كۆتۈرۈپ چىقىرىپ قوياتتى، بۇنىڭدا كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ سەرپ بولۇپلا قالماي، يەنە مەلۇم دەرىجىدە ئامانلىق خەۋپىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى. ھازىر، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ مېيىپ يولۇچىلارنى ئايروپىلانغا چىقىرىپ قويۇش ماشىنىسى بار بولغاندىن كېيىن، ئۇنداقلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشى تېخىمۇ بىخەتەر ۋە قولايلىق بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل ماشىنىلارنىڭ قوللىنىلىشى ھەر خىل ئايروپىلانلار بىلەن جىپسىلىشالايدىغان بولۇپ، ئۇ، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولغان يولۇچىلارغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. مېيىپ يولۇچىلارنى ئايروپىلانغا چىقىرىپ قويۇش ماشىنىسىدا چاقلىق ئورۇندۇقنى مۇقىملاشتۇرغۇچ جاھاز ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ جاھاز چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ جايىدىن مىدىراپ قوزغىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.بۇنىڭدىن سىرت، بۇ خىل ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىكنى ساقلاش ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ بار بولۇپ، بىر-ئىككى خىزمەتچىلا پۈتۈن مەشغۇلاتلارنى قىلالايدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئايروپىلانغا چىقىرىپ قويۇش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بۇ خىل ماشىنىغا باشقا ئارتۇقچە ھەق ئېلىنمايدىغان بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ بۇ خىل ماشىنىنى قوللىنىش ئېھتىياجى تۇغۇلسا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت لىنىيەسى 95539غا تېلېفون بېرىپ ئالدىن ئالاقىلىشىشى، ياكى جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بېلەت سېتىش ئورۇنلىرىدا بېلەت سېتىۋالغاندا ئالدىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ
    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك