باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تەقلىدىي دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىشلىتىش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.04.04 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تەقلىدىي دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىشلىتىش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەقلىدىي دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىشلىتىش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاممىنىڭ دورىنى بىخەتەر ئىشلىتىشىگە، تېببىي دورا ساھەسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. تەقلىدىي دورا ساھەسى دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەقلىدىي دورا تەتقىق قىلىپ ياساشقا تۈرتكە بولۇپ، سۈپىتى ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسەت مەدىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېببىي دورا كەسپىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دورا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ دورا ھەققى يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاممىنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ دورا ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتىدىن دورا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلۈك دۆلىتىگە ئۆتۈشىنى تېزلىتىپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەقلىدىي دورا تەتقىق قىلىپ ياساشقا تۈرتكە بولۇشتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەقلىدىي دورا يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. بىرىنچى، تەقلىد قىلىپ ياساشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىغان دورىلار مۇندەرىجىسىنى قەرەللىك تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش، رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچى، تەقلىدىي دورىنىڭ تېخنىكا ئۆتكىلىنى كۈچەيتىپ، تەقلىدىي دورىنىڭ ھالقىلىق ئورتاق تېخنىكا تەتقىقاتىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار پەن-تېخنىكا پىلانىغا كىرگۈزۈشكە ئىلھام بېرىش كېرەك . ئۈچىنچى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە كەسىپ تەرەققىيات باسقۇچىغا ماس كېلىدىغان دورا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دورا پاتېنت ئىگىسى بىلەن جامائەتنىڭ مەنپەئەتىنى تولۇق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر