باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ پايتەختتىكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھاياتىمىزدەك كۆرۈپ، ۋەتەن زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كۆكەرتىشىمىز، گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن پائالىيەتكە قاتناشتى

2018.04.03 15:38   مەنبە: خەلق تورى

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھاياتىمىزدەك كۆرۈپ، ۋەتەن زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كۆكەرتىشىمىز، گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتىكى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ۋەتەننى كۆكەرتىشتە خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەممە ئادەم كۈچ چىقىرىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ۋەتەن زېمىنىنى تېخىمۇ كۆكەرتىشىمىز، گۈزەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىللىق باھار شامىلى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئويغاتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ئەتراپىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرى تۇڭجۇ رايونى جاڭجياۋەن بازىرىغا كېلىپ، پايتەختتىكى ئامما بىلەن بىرلىكتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ كۆچەت تىكىۋاتقاچ، كادىرلار، ئامما بىلەن ئورمان بىنا قىلىش، كۆكەرتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش خىزمىتى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىش ئەزەلدىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى. بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىپ كۆچەت تىكىشىمىز ھەم قانۇندا بېكىتىلگەن مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلغانلىقىمىز، ھەم گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى كونكرېت ھەرىكىتىمىز. دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشتا مىقدارغا، تېخىمۇ مۇھىمى، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىي كۆكەرتىش، پىلانلاپ يېتەكلەش، شارائىتقا بېقىپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي، ئېكولوگىيەلىك، تېجەشلىك بولغان كۆكەرتىش تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، قىلىشقا ۋە ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇپ، ئورمان كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئورمان سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. بىز ھەم كۈچەپ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشىمىز، ھەم خەلقنى شۇ مۇھىتتا ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنى گۈزەل مۇھىت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۈلگە بولۇپ، ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كادىرلار، ئاممىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ھاياتىدەك كۆرۈشكە يېتەكلەپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا، چىڭ تۇتۇپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ شەكلىنى بېيىتىشى، ھەممە ئادەم كۈچ چىقىرىپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، گۈزەل ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشى كېرەك. «ئالدىنقىلار كۆچەت تىكسە، كېيىنكىلەر سايىداپتۇ» دېگەندەك، بىز مۇشۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ
    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك