باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇنداق تەكىتلىدى:

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

2018.04.03 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 2-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلدى، «مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى»نى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتتى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە، خەلقنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشتىكى ھالقىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم ئۆتكەل. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىش ھەم بۇ جەڭنى ياخشى قىلىش كېرەك. مۇھىت مەسىلىسى پۈتكۈل جەمئىيەت دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش-ئېرىشەلمەسلىكنىڭ ئاچقۇچى، بۇ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش ھەم بۇ جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىش تەسەۋۋۇرى ۋە تەدبىرى توغرىسىدىكى دوكلات، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش تەسەۋۋۇرى ۋە تەدبىرى توغرىسىدىكى دوكلات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش تەسەۋۋۇرى ۋە تەدبىرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە خەۋپ -خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پىشاڭنى قۇرۇلمىلىق تۈگىتىشنى ئاساسىي تەپەككۇر قىلىپ، تارماقلارغا، قەرز تۈرلىرىگە پەرقلىق تەلەپ قويۇش، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار، بولۇپمۇ دۆلەت كارخانىلىرى تېزدىن پىشاڭنى تۆۋەنلىتىپ، تىرىشىپ ماكرولۇق پىشاڭ نىسبىتىنى مۇقىم ۋە تەدرىجىي تۆۋەنلىتىشى كېرەك. ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئىسلاھات، تەرەققىيات داۋامىدا ھەل قىلىش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، سىياسەت چىقىرىشنىڭ رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. تۈرلەر بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان بازار-پۇل مۇئامىلە خەۋپى ئەھۋالىغا ئاساسەن، پەرقلىق، قاراتمىلىق چارىلەرنى قوللىنىش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەھدىت كۆرسىتىش ۋە سىستېمىلىق خەۋپ پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان مەسىلىلەرنى ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى تەشكىلىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ماسلاشتۇرۇپ ئورنىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەۋەلىكىدىكى خەۋپنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر