باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تويلىشىشنى تىزىملاشتا ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان تەرەپ بىرلىشىپ جازالىنىدۇ

2018.04.03 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، تويلىشىشنى تىزىملاش ساھەسىدىكى ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق بانكىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 31 تارماق يېقىندا بىرلىكتە «تويلىشىشنى تىزىملاشتا ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان تەرەپنى بىرلىشىپ جازالاش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئەسلەتمە» دېيىلىدۇ)نى ئىمزالىدى.

  «باياناتنامە»دە بىرلىشىپ جازالاش ئوبيېكتىنىڭ تويلىشىشنى تىزىملاشتا ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغان تەرەپ ئىكەنلىكى بېكىتىلدى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان ياكى باشقىلارنىڭ كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى،جورىسىزلىق ئىسپاتى ۋە باشقا كىنىشكا، ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتكەنلەر؛ ئىككىنچى، جورىسى يوق، بىۋاسىتە تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوق، ئۈچ ئەۋلاد ئىچىدىكى شىرەم قانداش تۇغقىنى يوق دەپ ساختا بايانات بەرگەنلەر؛ ئۈچىنچى، قارشى تەرەپنىڭ ھەق-تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق-تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلەنگەنلىك ئەھۋالنى قەستەن يوشۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلەر؛ تۆتىنچى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تويلىشىش قانۇنى» ۋە «تويلىشىشنى تىزىملاش نىزامنامىسى»گە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان باشقا قىلمىشلار.

  «ئەسلەتمە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى ئارقىلىق ئەسلەتمە ئىمزالىغان ئالاقىدار تارماقلارنى تويلىشىشنى تىزىملاشتا ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ تىزىملىكى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەسلەتمە ئىمزالىغان ئالاقىدار تارماقلار مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىدىن تويلىشىشنى تىزىملاشتا ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرمىغانلارنىڭ تىزىملىكىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئەسلەتمىدە بەلگىلەنگەن جازالاش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ ياكى ئىجرا قىلىشقا ياردەملىشىدۇ. بىرلىشىپ جازالاش تەدبىرى 14 بولۇپ، شەخسنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش، كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بېرىش، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىلغار-مۇنەۋۋەر سايلاش، كارخانا تەستىقلاپ گۇۋاھلىق بېرىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىناۋىتى، تولۇقلىما خاراكتېرلىك مەبلەغ بىلەن قوللاش قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر