باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مۇستەھكەم قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى

2018.04.04 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئاساسىي قانۇننىڭ پۇقرالارغا بەرگەن بىر تۈرلۈك ئاساسىي ھوقۇقى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر تۈرلۈك ئاساسىي سىياسىتى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى يېقىندا «جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتى ۋە ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات ۋە زور پاكىتلار بىلەن، جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتى، قانۇنىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دىن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرى، يېڭى ئىلگىرىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك كۆرسىتىپ، جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى.

  «دىن ئىشلىرى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىشتىن دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىشقىچە، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاشتىن دىن تەربىيەسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قوغداشتىن دىن ساھەسىنىڭ نورمال تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشىنى تۈزەشكىچە... جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە دىن ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاكتىپ، ساغلام دىنلار مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، دىنلار ئىناقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قوغدىدى. ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلگەن پاكىتلار جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  «قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە ئىش قىلسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ». دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تولۇق ھۆرمەتلەش ۋە قوغداشنىڭ ئاچقۇچى قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تەڭشەپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ قانۇنچىللىق سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشى تېخىمۇ قېلىپلىشىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، كۈچلۈك قوغدالدى. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولۇش، دىنىي ساھەنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىنى تېپىپ چىقتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر