باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-زىمبابۋې ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلدى

2018.04.04 15:45   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاپرېل خەلق سارىيىدا زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر 11-ئايدا، زۇڭتۇڭ ئەپەندى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، زىمبابۋې خەلقى دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. زىمبابۋېنىڭ ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، ياخشى قېرىندىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو-زىمبابۋې ئىككى دۆلەت، ئىككى دۆلەت پارتىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق بولدى، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا يۈكسەك ئىشەنچنى ساقلاپ كەلدى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئادىمىيەت ئالاقىسىدە يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو-زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو زىمبابۋې بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پىلانىنى تۈزۈپ، جۇڭگو-زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ
    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…
    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك