باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مىسىرنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى سىسىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.04.03 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، سىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم مىسىر زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-مىسىر دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، كۈنسېرى يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سىز بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدىم، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، ئادىمىيەت ئالاقىسى تېخىمۇ جانلىنىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ رىشتى تېخىمۇ چىڭىۋاتىدۇ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال. مىسىر خەلقىنىڭ سىسى زۇڭتۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، داۋاملىق تېخىمۇ كۆپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارايمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر