باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، ئورمان ئوت مۇداپىئەسى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، ئورمان، يايلاق ئوت مۇداپىئەسى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك

خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2018.04.04 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، ئورمان ئوت مۇداپىئەسى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى 3-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، ئورمان، يايلاق ئوت مۇداپىئەسى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت ئەھۋالى ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، 2018-يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىللىق دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، ئورمان، يايلاق ئوت مۇداپىئەسى ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ ھاياتىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىشنى ۋاقتىدا باشلاپ، پۈتۈن يىلدا 100 مىليون مودىن ئارتۇق ئورمان بىنا قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل توساقنى مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ مەسئۇلىيەت ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمان، يايلاق ئوت مۇداپىئەسى خىزمىتىنى ئىلمىي ياخشى ئىشلىشى؛ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق يېتەرسىزلىكلەرنى تېز تۈگىتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.خۇ چۈنخۇا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىللىقنى كۆپەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش نىشانىغا زىچ باغلاپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نۇقتىلىق ئورمانچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېشىل بايلىقنى كۆپ يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئورمان، يايلاق، ئېتىز، سۇلۇق يەر، چۆل-باياۋان قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلارنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىللىق ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىشكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر