باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتى ۋە ئەمەلىيىتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى

2018.04.04 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2018-يىلى 4-ئاي

  مۇندەرىجە

  كىرىش سۆز

  بىرىنچى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي سىياسىتى

  ئىككىنچى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنىڭ قانۇن كاپالىتى

  ئۈچىنچى، دىنىي پائالىيەتلەر تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى

  تۆتىنچى، دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى

  بەشىنچى، دىنلار مۇناسىۋىتى ئىجابىي، ساغلام بولدى

  خاتىمە

  كىرىش سۆز

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالى ۋە دىن ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجابىي، ساغلام دىنلار مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، دىنلار ئىناقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قوغدىدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دىن خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، دىنغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى قانۇن ئارقىلىق تەڭشەپ، دىن خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالار ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىپ، ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا كۈچ قوشتى.

  بىرىنچى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىي سىياسىتى

  جۇڭگو دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، مۇستەقىل ئۆزىگە خوجا بولۇش، ئۆزى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇردى.

  دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتى يولغا قويۇلدى. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا مۇئامىلە قىلىشتىكى ئاساسىي سىياسىتى. ھەر بىر پۇقرانىڭ ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى، ھەم دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكى بار؛ مەلۇم بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى، شۇنداقلا ئوخشاش بىر دىن ئىچىدە مەلۇم بىر مەزھەپكە ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى بار؛ ئىلگىرى دىنغا ئېتىقاد قىلماي ھازىر دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكى، شۇنداقلا ئىلگىرى دىنغا ئېتىقاد قىلىپ ھازىر دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكى بار. دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالار دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارغا ئوخشاش سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ھوقۇقلاردىن تەڭ بەھرىلىنىدۇ، ئېتىقادنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبلىك ھوقۇق جەھەتتە باراۋەرسىزلىك بولمايدۇ. دۆلەت پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ؛ پۇقرالار دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە، باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىشىغا، باشقىلارنى دىنغا ئېتىقاد قىلىشقا مەجبۇرلىشىغا، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ياكى باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان پۇقرالارنى كەمسىتىشىگە، دىندىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزۈشىگە بولمايدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەندە چوقۇم جامائەت تەرتىپى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر