باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2- پەسىلدە دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئارزۇسىنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى % 80 تىن ئاشتى

2018.04.04 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى 3- ئاپرېل تارقاتقان «2018- يىللىق ئەتىيازلىق دەم ئېلىش كۈنى ساياھەت قوللانمىسى»دا كۆرسىتىلىشىچە، ھەمدە جۇڭگو ساياھەت تەتقىقات ئورنىنىڭ «جۇڭگونىڭ شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئارزۇسى تەكشۈرۈشى»گە ئاساسلاغاندا، 2018- يىلى 2- پەسىلدە دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئارزۇسىنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى %84.8گە يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %1.8 كۆپەيگەن، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %3.7 كۆپەيگەن. ساياھەت سودىگەرلىرىنىڭ زاكاز قىلغانلىرى ۋە يىللاردىن بۇيانقى ساياھەت بازىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مۆلچەرلىگەندە، چوكانتال بايرىمى، «1- ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» ۋە تاڭزۇڭزا بايرىمى قاتارلىق بايراملاردىكى بۇ ئۈچ قېتىملىق ئەتىيازلىق دەم ئېلىش مەزگىللىرىدە مەملىكەت بويىچە كۈتۈۋېلىنىدىغان دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىرى سانىنىڭ 339 مىليون ئادەم (قېتىم)غا يېتىشىدە، ھەمدە دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىرىدىن قىلىنىدىغان كىرىمنىڭ 160 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈشىدە ئۈمىد بار.

  تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئۆز ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ چىقىپ، ئەركىن ھالدا ۋە ئۆزى خالىغىنىچە ساياھەت قىلىشتەك ئۇسۇلنى تاللىغان. يەنە شۇ خىل تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆز ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ چىقىپ سەپەرگە چىقىشنى تاللىغان ساياھەتچىلەرنىڭ نىسبىتى %28.07گە يەتكەن بولۇپ، بۇنداقلارنىڭ نىسبىتى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەتكە چىققانلارنىڭ (%29.33)لىك نىسبىتىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ساياھەتكە بارىدىغان مەنزىللەر جەھەتتە بولسا، تەبىئىي مەنزىرىلىك رايونلارنى تاللايدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ نىسبىتى %37.34كە، مەشھۇر ئاسار ئەتىقىلەر تۈرىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنى تاللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى %20.36كە يەتكەن. چوكانتال بايرىمى ۋە تاڭزۇڭزا بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملارنىڭ كەيپىياتى قويۇق بولۇپ، بۇ خىل بايراملاردىكى ئەجدىھاسىمان قولۋاقلار مۇسابىقىلىرى ۋە تىلەك تىلەش ساياھەتلىرى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدىگەن ھالدىكى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ساياھەتلىرى كۆپچىلىكنى ناھايىتى جەلىب قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ يېزا-كەنتتىكىلەرنىڭ ساياھەت قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر