باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي رايونلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى 225 كادىر مەركەزدىكى ئورۇنلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا بارىدۇ

2018.04.03 15:55        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان 2018-يىللىق غەربىي رايونلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسى 2-ئاپرېل بېيجىڭدا باشلاندى. غەربىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ۋە ئىلگىرىكى مەركىزىي سوۋېت رايونىدىكى 19 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىن كەلگەن، مەركەزدىكى ئورۇنلارغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان 225 كادىر كۇرسقا قاتناشتى.

  ئۈچ كۈنلۈك كۇرستا، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان كادىرلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى مەخسۇس ئۆگىنىدۇ. كۇرس ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 82 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى، دۆلەتنىڭ مۇھىم تايانچ كارخانىلىرىغا بىر يىللىق ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئاتلىنىدۇ.

  بۇ خىزمەت 1990-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 9600دىن ئارتۇق كادىر ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا قاتناشتى. 2018-يىلى 522 كادىر ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا ئەۋەتىلدى. مەركەز ئورۇنلىرىغا ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا بارىدىغان كادىرلار بېيجىڭدا كۇرسقا قاتناشتى؛ ئۆلكە، شەھەرلەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا بارىدىغان كادىرلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر كۇرسقا تەشكىللەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر