باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىغىنىغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك

خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2018.03.30 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى يىغىنى 28-،29-مارت خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جېڭدىڭ ناھىيەسىدە ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈلۈپ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئىلمىي تەھلىل قىلىنىپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئېنىقلاپ مەبلەغنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇدىغان تۇنجى يىل. جايلار، تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېشىل مەھسۇلاتلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىرقى ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھالقىلىق پەيتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ھايۋانات-ئۆسۈملۈك يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ياخشى ئىشلەپ، يېزىلارنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئالاقە تورى +» ۋە «ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش»قا تايىنىپ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر