4-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا، ئىستانبۇل سودا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى توپچۇ تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا تەبرىك سۆزى قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تاشقى سودا مەركىزى بىلەن تۈركىيە ئىستانبول سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ۋە جۇڭگو ئىمپورت- ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. تۈركىيە سودا ساھەسىدىكى زاتلار تۈركىيە-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىنى ئىنتايىن ياخشى دەپ قاراپ، ئىككى چوڭ «ئېچىۋېتىلگەن سۇپا»دىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئېكسپورتنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى