باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

رەئىس شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىسىتىرلىقى جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2018.04.04 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاپرېل جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەم مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنى خەينەندە ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ۋە مۇھىم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ، يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ، مۇنبەرنىڭ كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشىدۇ ۋە يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. شۇ چاغدا، ئاۋسترىيە زۇڭتۇڭى ۋاندېر بېلېن، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتې، موڭغۇلىيە زۇڭلىسى خۇرېلسۇخ، گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇتتې، پاكىستان زۇڭلىسى ئابباس، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى لاگاردې تەكلىپكە بىنائەن يىللىق يىغىنغا قاتنىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاۋسترىيە زۇڭتۇڭى، گوللاندىيە باش ۋەزىرى، موڭغۇلىيە زۇڭلىسى، سىنگاپور زۇڭلىسى، ب د ت نىڭ باش كاتىپى يەنە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ.

  ۋاڭ يى مۇنداق كۆرسەتتى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قۇرۇلغان 17 يىلدىن بۇيان، كۆلىمى ۋە تەسىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىيا ۋە يەر شارى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەھەتلەردە خاس رول ئوينىدى. مۇنبەر جۇڭگو بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈككە، شۇنداقلا ئاسىيا ئالاھىدىلىكىگە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە خەلقئارا ئالاقە سۇپىسىغا ئايلاندى. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا. بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىندا «ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادچان ئاسىيا، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا» باش تېما قىلىنىدۇ، بۇ ئەمەلىي ئېھتىياجغا ئۇيغۇن، ھەرقايسى تەرەپنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كېلىدىغان ھەر ساھەدىكى 2000دىن كۆپرەك ئەزىز مېھمان بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىلانلىرى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش چارىلىرى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانى «بوئاۋ ئەقىل-پاراسىتى» بىلەن تەمىنلەپ، «بوئاۋ كۈچى» قوشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر