4-ئاينىڭ 3-كۈنى، تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان (سولدىن 3-كىشى) ۋە زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن (ئوڭدىن 3-كىشى) توردا سىن ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىشىپ قۇرغان تۈركىيەدىكى تۇنجى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا 3-ئاپرىل ئىش باشلاندى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان ۋە زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئەنقەرەدە سىن ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى