باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئون خىل ياشانغانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ

ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغانلار، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلەيدىغانلار، ھەر كۈنى كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغانلار

2018.04.03 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم بۇ دۇنيادا بىرلا قېتىم ياشىغانىكەن، بەختلىك بولۇش ئەڭ مۇھىم. ئامېرىكا «تەرمىلەر» ژۇرنىلى يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، بەخت تۇيغۇسى كۈچلۈك 10 خىل ياشانغانلارنى يەكۈنلەپ چىقتى.

  بىرىنچى، خىزمەتنى قىزغىن سۆيىدىغانلار. خىزمەت تىرىكچىلىك قىلىش بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشتۇر. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈمىدۋارلار ئۆزى ھەقىقىي قىزغىن سۆيىدىغان خىزمەتنى تاللايدىكەن. گەرچە پېنسىيەگە چىقسىمۇ، ياشانغانلار يەنىلا بۇرۇنقى خىزمەت قىزغىنلىقىنى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرىدىكەن، بۇ ئارقىلىق بەخت تۇيغۇسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن.

  ئىككىنچى، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىدىغانلار. ئامېرىكا «پىسخولوگلار پايدىلىنىش كىتابلىرى» ژۇرنىلىغا بېسىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئارتۇقچىلىقىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتالايدىغان ياشانغانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن. مەسىلەن، تاماق ئېتىشكە ئۇستا ياشانغانلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن بىر خىل يېڭى قورۇما قورۇپ بېرىشى، سەنئەت ئىجادىيىتىنى ياخشى كۆرىدىغان ياشانغانلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشى قاتارلىقلار بەخت تۇيغۇسىنى كۆتۈرەلەيدىكەن.

  ئۈچىنچى، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغانلار. قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە چېكىنمەيدىغان، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىشتا چىڭ تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى كۆپ ھاللاردا ئۈمىدسىز ياشايدىغان ياشانغانلاردىن تېخىمۇ زور بولىدىكەن. ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان ياشانغانلار باشتىن-ئاخىر ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلايدىغان بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز تېپىشقا تېخىمۇ ماھىر ئىكەن.

  تۆتىنچى، ئۈمىدۋارلار بىلەن بىللە يۈرىدىغانلار. ئامېرىكا «ئالدىنى ئېلىش» ژۇرنىلىغا بېسىلغان يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، خۇشال كىشىلارگە ھەمراھ بولغانلار تېخىمۇ خۇشال بولىدىكەن. ئەگەر ھەمراھى، پەرزەنتلىرى ۋە دوستلىرى ئاكتىپ- ئۈمىدۋار بولسا، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىدىن رازى بولۇش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

  بەشىنچى، دائىم مىننەتدار بولىدىغانلار. ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، مېھىر-شەپقەتنى قايتۇرۇشنى بىلىدىغان، دائىم مىننەتدارلىق بىلەن ياشايدىغان ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى، ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن. دائىم مىننەتدارلىق خېتى يېزىش، جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىگە قاتنىشىش ۋە كىچىك سوۋغات سوۋغا قىلىش قاتارلىق مىننەتدارلىق ئىشلىرى بەخت تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدىكەن، بۇ بەخت تۇيغۇسى ئاز دېگەندە بىر ئاي داۋام قىلىدىكەن.

  ئالتىنچى، ئاداۋەت ساقلاشنى ياقتۇرمايدىغانلار. ئامېرىكا پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى داۋىد مىزاپېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرەر ئىشقا يولۇققاندا كەڭ قورساق بولىدىغان، ياخشى خاتىرىسىنى ياخشى بولمىغان خاتىرىسىنىڭ ئورنىغا قويۇشقا ماھىر بولغان ياشانغانلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئۆتمۈش بىلەن «يارىشىش» ئارقىلىق ناچار كەيپىياتنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ياخشى كەيپىيات ۋە ياخشى تۇرمۇشقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويماسلىققا بولىدىكەن.

  يەتتىنچى، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلار. مىزاپېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ قوللىشى بەخت -خۇشاللىقنىڭ مۇھىم ئامىلىنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا، ئىناق كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ساقلايدىغان، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىنىڭ ئىشەنچى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، دائىم يىغىلىش قىلىدىغان ياشانغانلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن.

  سەككىزىنچى، ھەر كۈنى كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغانلار. ئامېرىكا پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى ئەيمى پۇسخوۋسكى تاماملىغان يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۇرمۇشىدىكى گۈزەل ئىشلارنى يېزىپ قويىدىغان ياشانغانلارنىڭ مىجەزى تېخىمۇ پارلاق ئىكەن. گەرچە مەلۇم بىر كۈنلىرى كۈنى ياخشى بولمىسىمۇ، ئاكتىپ ئىشلارنى تېپىپ خاتىرلىيەلەيدىكەن، بۇ ئۆزىگە ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەت بېرەلەيدىكەن.

  توققۇزىنچى، كۈلۈمسىرەشنى ياخشى كۆرىدىغانلار. كۈلۈمسىرەش ئۈمىدۋارلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى، كۈلۈمسىرەش يەنە سالامەتلىككە پايدىلىق. مەسىلەن، بېسىمنى يەڭگىللىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىغان، كىشىنى تېخىمۇ چىقىشقاق كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ تېخىمۇ كۆپ دوست تۇتۇشقا پايدىلىق دېگەندەك.

  ئونىنچى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ساغلام بولغان ياشانغانلار. يېمەك-ئىچمەك ساغلام بولغاندىن باشقا، ياشانغانلارنىڭ دائىم چېنىقىشى ئىنتايىن مۇھىم. چېنىقىش چوڭ مېڭىنىڭ سېروتونىن قاتارلىق «خۇشاللىق ھورمونى» سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشقا قارىتا تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ، رازى بولۇش دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، ياشانغانلار ۋىتامىن D سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، خامۇشلۇقنى ئازايتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلاش ئۈچۈن، مۇۋاپىق دالا ھەركىتى ئېلىپ بېرىشى، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 15 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىپ بېرىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر