باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى ئالىي مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىشنىڭ مەملىكەتلىك پائالىيىتى باشلاندى

2018.04.03 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى ئالىي مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىشنىڭ پۈتۈن مەملىكەتلىك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 2- ئاپرېل نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، بۇ يىللىق ئەسكەر قوبۇل قىلىشتىكى مەملىكەتلىك تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ھەمدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قاتار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەسكەرلىككە قاتناشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەسكەرلەر قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلغار قورال-ياراغلارنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەم شۇنداقلا قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۈنۈملۈك دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئارمىيەنى كۈچەيتىش ۋە ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشكە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  بۇلتۇر 9- ئايدا، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەسقەر نۇرتاي قاتارلىق سەككىز ئوقۇغۇچى ۋەتەنگە ھەسسە قوشۇشتەك غايىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، قەلەم بىلەن جەڭگە كىرىشتەك روھ بىلەن، ھەربىي لاگىرغا كىرگەن ئىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن ئۇلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئارمىيەدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھنىدە ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرشقا، ھەمدە ھەربىي لاگىردىن ئىبارەت بۇ چوڭ پېچتا پولاتتەك تاۋلىنىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىغا يازغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەربىي خىزمەت ئورگانلىرى، مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەشكىللەش ۋە سەپەرۋەر قىلىشتىكى كۈچىنى تولۇق قوزغىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش ۋە ۋەتەن يولىدا جان پىدا قىلىشتەك سىياسىي قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، ھەربىي كومىتېتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۆلۈمى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ مۇراسىم ئارقىلىق، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئەسكەر قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى ئالىي مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرماقچى بولدى.

  مۇراسىمدىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان ھەربىي ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە باشقا يىغىن ۋەكىللىرى بىرلىكتە نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ « رەئىسنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى بۇرچنى زىممىمىزگە ئالايلى!» دېگەن ماۋزۇنى باش تېما قىلىپ تەييارلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى، ھەمدە ئەسكەر قوبۇل قىلىش سىياسىتى ھەققىدە مەسلىھەت سوراش نەق مەيدانىغا كېلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىرلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر