باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «چارە» بېسىپ تارقىتىپ، ئىلمىي سانلىق مەلۇماتنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى ۋە قېلىپلاشتۇردى

2018.04.03 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئىلمىي سانلىق مەلۇماتنى باشقۇرۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىلمىي سانلىق مەلۇماتنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىلمىي سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىلمىي سانلىق مەلۇمات دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك بايلىق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېششى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئىلمىي سانلىق مەلۇمات مىقدارى ئۇچقاندەك كۆپەيدى، سۈپىتىمۇ زور دەرىجىدە ئاشتى. سان-ساناقسىز ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلار ھاياتلىق ئىلمى، ئاسترونومىيە، بوشلۇق ئىلمى، يەر شارى ئىلمى، فىزىكا قاتارلىق كۆپ خىل پەن ساھەسىنىڭ پەن تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە زەربە خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسىتىپ، ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش بولدى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بارغانسېرى زور، سىستېمىلىق، ئىشەنچلىك ئىلمىي سانلىق مەلۇماتقا تايىنىدىغان بولدى، ئېلىمىز ئىلمىي سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلىتىش، ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە بىخەتەرلىكنى قوغداش جەھەتلەردە يەنىلا زور ياخشىلاش بوشلۇقىغا ئىگە.

  «چارە»دە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرىدىكى ئىلمىي سانلىق مەلۇماتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىلغار تەجرىبە ۋە پىشقان ئۇسۇللاردىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىنىپ، ئىلمىي سانلىق مەلۇماتنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئىلمىي سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلىشىپ، ئىلمىي مەلۇماتنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلدى بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىلمىي سانلىق مەلۇمات خىزمىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مالىيە سېلىنمىسىنىڭ ھاسىلات ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر