باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقى: يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئېنىقلاپ، مەبلىغىنى بېكىتىش كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ

2018.04.03 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقى يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئېنىقلاپ، مەبلىغىنى بېكىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدۇ. «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»دىكى تەلەپلەر بويىچە، بۇ خىزمەت 2017-يىلى باشلىنىپ «ئۈچ قەدەم»گە بۆلۈنۈپ، 2019-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ۋەزىپىنى ۋاقتىدا تاماملايدۇ.

  2018-يىل مۈلۈكنى ئېنىقلاپ، مەبلەغنى بېكىتىش خىزمىتىدىكى ھالقىلىق بىر يىل. ھازىر، يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئېنىقلاپ، مەبلىغىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان بىر قىسىم رايونلاردا پۇختا قانات يايدۇردى، 2015-يىلى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى بېكىتكەن 29 ناھىيە 112 مىليارد 560 مىليون يۈەن كوللېكتىپ مۈلۈك، 28 مىليون 58 مىڭ مو يەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مۈلۈكنى ئېنىقلاپ، مەبلەغنى بېكىتىشتىن ئىلگىرىكىدىن %9.7 ۋە %9.6 ئاشتى.

  مۈلۈكنى ئېنىقلاپ، مەبلەغنى بېكىتىش دائىرىسى بارلىق يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقى جايلاردىن مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلۈككە قارىتا، ماددىي بويۇم بىلەن بوغالتىرلىق خاتىرىسىنى بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرۇش، ھېساب بىلەن ئەمەلىيەت ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. تىجارەتسىز مۈلۈككە قارىتا، تەۋەلىكنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت پۇل ئاجرىتىپ بېرىپ شەكىللەنگەن مۈلۈكنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى كوللېكتىپقا بېرىپ، جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك فۇنكسىيەنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بايلىق خاراكتېرلىك مۈلۈكنى ئېنىقلاشنىڭ مۇئەييەن ئاساسى بولىدۇ، سانلىق مەلۇماتنى ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەكرار ئەمگەكنى ئازايتىش ۋە ساقلىنىش كېرەك. ھازىر، 1 مىليارد 150 مىليون مو ھۆددە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىپ، 2-قېتىملىق ھۆددە يەر كۆلىمىنىڭ %80تىن ئارتۇقىنى ئىگىلىدى؛ 2 مىليارد 710 مىليون مو كوللېكتىپ ئورمان يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىپ، ئورمان ھوقۇقى ئىسلاھاتى كۆلىمىنىڭ %99نى ئىگىلىدى؛ كوللېكتىپ يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى بېكىتىلىپ، تىزىملاپ 8 مىليون 64 مىڭ كىنىشكا تارقىتىلىپ، تىزىملاش نىسبىتى %96كە يەتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر