باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلقئارا سودا ئۇيۇشمىسى __

بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئامېرىكىنىڭ سودا- سېلىنما قۇرۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش كېرەك

2018.04.08 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 5-ئاپرېل ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئادىل بولمىغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا سودا ۋاكالەت ئىشخانىسىغا 301 تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنىدىغان نورمىدىن سىرت 100مىليارد دوللارلىق تاۋاردىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى ئويلىشىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردىم، دېدى. جۇڭگو سودا- سانائەت ساھەسىدىكىلەر 6- ئاپرېل: بۇنداق ئاقىلانە بولمىغان خاتا سۆز- ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خاتا يولدا داۋاملىق يىراقلاپ كەتمەسلىككە دەۋەت قىلىمىز، دېدى.

  جۇڭگو خەلقئارا سودا ئۇيۇشمىسى ئامېرىكىنىڭ 301تەكشۈرۈشى ۋە ئېلان قىلىنغان دوكلاتلىرىنى ئەستايىدىل تەھلىل ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، بۇنىڭدا تەكشۈرۈش يەكۈنىنى ئالدىن بېكىتىۋېلىش، توغرا دەلىل -ئىسپات كەم بولۇش، قوش ئۆلچەم قوللىنىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلە بارلىقىنى بايقىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ 232تەكشۈرۈشى ۋە 301تەكشۈرۈشى توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇندى، بۇنىڭغا قەتئىي مەدەت بېرىمىز. بىز شۇنى قايتا تەكىتلەيمىزكى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىملىق 301تەكشۈرۈشى خەلقئارا سودا قائىدىسىگە خىلاپ، شۇنداقلا ئۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىدى، ھەم جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالدى، ھەم دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى. ئۇيۇشمىغا ئەزا كارخانىلارنى تەكشۈرۈشتىن بايقىشىمىزچە، ئامېرىكا دۆلىتىمىزنىڭ 50 مىليارد دوللارلىق تاۋىرىدىن تاموژنا بېجى كۆپەيتىپ ئېلىشنى جاكارلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودىسىدا كارخانىلارنىڭ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش قىيىنچىلىقى ئاشقان، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش خەۋپى كۈچەيگەن، ئامېرىكا خەلقئارا سودا تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقان قىلىپ، ئىككى دۆلەت سودا ساھەسىدىكىلەرگە مۆلچەرلىگۈسىز زىيان سالغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر