باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2018-يىللىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئۈچ چوڭ يارقىن نۇقتا

2018.04.08 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يىلدا بىر كېلىدىغان «بوئاۋ ۋاقتى» غا ئاز قالدى، شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ۋە مۇھىم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ، يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل دۆلەت رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ، مۇنبەرنىڭ كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشىدۇ ۋە يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو، چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. بۇ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شى جىنپىڭ قاتنىشىدىغان تۇنجى زور ساھىبخان دىپلوماتىيە پائالىيىتى بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

  شى جىنپىڭ 2010-يىلى، 2013-يىلى 2015-يىلى ئۈچ قېتىم بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلغان. ئۇ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا نېمىشقا شۇنچە ئېتىبار بېرىدۇ؟ بۇ قېتىمقى يىللىق يىغىندا دىققەت قىلىشقا ئەرزىگۈدەك قانداق يارقىن نۇقتىلار بار؟ خەلق تورىنىڭ مۇخبىرى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

  بىرىنچى يارقىن نۇقتا:

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئەڭ نوپۇزلۇق چۈشەنچە بېرىدۇ»

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاپرېل جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاھتى. دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنغا بىر قاتار يارقىن نۇقتىلارنى قوشتى.

  «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئىستىقبالىنى نامايان قىلىش» بەش چوڭ يارقىن نۇقتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى، مۇھىم تەجرىبىسى ۋە بېشارىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى، شۇنداقلا يېڭى تارىخىي پەيتتە جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدا نوپۇزلۇق چۈشەنچە بېرىدۇ، كۆپچىلىك بىر قاتار يېڭى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئاڭلايدۇ.

  2013 -يىللىق يىللىق يىغىندا، شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىگەندە «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمىز» دېگەنىدى؛ 2015-يىللىق يىللىق يىغىندا، شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە يەنە بىر قېتىم «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش»نى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ: «دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش، ئۆزگەرتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاقە مەركىزى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جۈن «خەلق تورى» مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، بۇنداق ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىرادىسىنى جاكارلاش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىللىق يىغىندا قىلىدىغان مۇھىم سۆزى بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىغا بولغان خۇلاسىسى، يەنە بىر تەرەپتىن كەلگۈسىنى پىلانلاش يۆنىلىشى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ كېيىنكى قەدەمدە ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا نوپۇزلۇق چۈشەنچە بېرىدۇ، بۇنىڭغا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، چەت ئەللىك دوستلار ۋە ھەر قايسى ساھەدىكى مېھمانلار يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىزدەيدۇ، بۇ قېتىملىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى ئىنتايىن ياخشى بىر كۆزنەك.

  ئىككىنچى يارقىن نۇقتا

  «تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە قۇدرەتلىك نەزەرىيە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ»

  شى جىنپىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2013-، 2015-يىللىق يىللىق يىغىنلىرىدا ئاسىيادا «تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە» قۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە چوڭقۇر، ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى.

  شى جىنپىڭ 2013-يىللىق يىللىق يىغىندا، «ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتۇقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: بىز ئورتاق بىر يەر شارى كەنتىدە ياشايمىز، شۇڭا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى پۇختا تىكلەپ، دەۋرنىڭ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، توغرا يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ 2015-يىللىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىدە، تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئاتلىنىشتىكى «تۆتتە چىڭ تۇرۇش»نى شەرھلىدى.

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ شىيۈ «خەلق تورى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ۋە مۇھىم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىشى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا «جۇڭگو پاراسىتى» قوشۇپلا قالماي، يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەندىشىسىگە بېرىلگەن جاۋاب بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئەللەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىپ، ئورتاق گۈللىنىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدۇ.

  ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ نۇرغۇن سورۇنلاردا ئۇنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا يەتكۈزۈپ، ئاسىيا تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە ئۇقۇمى كەڭ قوللاشقا ئېرىشتى.

  ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ھازىرقى خەلقئارا مۇھىتتا، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆزەتكەندە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ ئۇلۇغ نەزەرىيەنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچى، شۇنداقلا رېئاللىقتىكى يېتەكچى ئەھمىيىتى شۇنچە گەۋدىلىنىدۇ. تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىنىڭ ئاسىيادا يىلتىز تارتىپ، بىخ سۈرۈپ، چېچەكلەپ، مېۋە بېرىشى بۇ نەزەرىيەنىڭ «ئەڭ ياخشى ئەمەلىيىتى»گە ئايلانماقتا.

  كۈتۈشكە ئەرزىيدىغىنى بۇ قېتىملىق يىللىق يىغىندا رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش، جۇڭگو ساداسىنى روشەن جاراڭلىتىش توغرىسىدا جۇڭگونىڭ مەيدانىنى بايان قىلىدۇ.

  ئۈچىنچى يارقىن نۇقتا

  «بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ»

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنى، ئېلىمىزنىڭ بۇ يىللىق تۆت چوڭ ساھىبخان دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇقەددىمىسى. ۋاڭ يى جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى سۈپىتىدە بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا 3-قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنبەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كۈچەپ قوللايدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە نېمىشقا شۇنچە ئەھمىيەت بېرىدۇ؟

  ياڭ شىيۈ «خەلق تورى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىككى جەھەتتىكى سەۋەب ئۈستىدە توختالدى: بىر تەرەپتىن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى ئىزچىل ئىنتايىن ئۆزگىچە رولنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى ئىرادىسىنى يەتكۈزۈپ، جۇڭگو ساداسىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقاتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاسىيانىڭ تەرەققىياتى بىلەن ماس بولۇپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش يولىدا ئورتاق پىكىرلىشىش سۇپىسىغا موھتاج بولدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادىدا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولدى. سودا قورۇقچىلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈشى توغرىسىدا ياڭ شىيۈ مۇنداق دېدى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قۇرۇشنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئاسىيا ساداسىنى جاراڭلىتىپ، ئاسىيا ئورتاق تونۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇنبەرنىڭ ئېچىلىشى ئاسىيانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي سادا بېرىپ، ئىقتىسادىنىڭ يەر شارىلىشىش تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ تۈرتكە قوشىدۇ.ياڭ شىيۈ يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىشى، چوقۇم ئاسىيانىڭ ئورتاق گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي رول ئوينايدۇ.

  شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپكە بىنائەن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىشى نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنى مۇنبەرگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

  ياڭ شىيۈ مۇنداق دېدى: چەت ئەللىك رەھبەرلەر بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىگە قاتنىشىپ «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك» سوقالايدۇ، بىرىنچى «پاختەك» جۇڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئېلان قىلغان مۇھىم سىياسەت سىگنالىنى دەرھال نەق مەيداندا ئىگىلىيەلەيدۇ؛ ئىككىنچى «پاختەك» ئىككى تەرەپ كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا يۈز تۇرانە پىكىرلىشىشكە قولاي پۇرسەت چىقىدۇ. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى جۇڭگونىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى، دۇنيانىڭ جۇڭگوغا يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم يولغا ئايلاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر