باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ

«بوئاۋ ۋاقتى» ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەيدۇ

2018.04.08 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەينەن بوئاۋ 7-ئاپرېل كاتتا مەرىكىنى كۈتۈۋېلىش قىزغىنلىقىغا چۆمدى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىللىق يىغىنى 8-ئاپرېلدىن باشلاپ تۆت كۈن ئۆتكۈزۈلىدۇ، 50 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق ھەر ساھەدىكى ئەزىز مېھمان ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، گۈللىنىش، راۋاجلىنىش تەدبىرىنى ئورتاق پىلانلاپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانى «بوئاۋ» پاراسىتى بىلەن تەمىنلەپ، «بوئاۋ كۈچى» قوشىدۇ.

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپكە بىنائەن مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ۋە مۇھىم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى، مۇھىم تەجرىبىسى ۋە بېشارىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى، شۇنداقلا يېڭى تارىخىي پەيتتە جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقى توغرىسىدا نوپۇزلۇق چۈشەنچە بېرىدۇ.

  نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۇنيا ئىقتىسادى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىۋاتقان پەيتتە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدىكى كۈچلۈك موتور ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

  «ئاسىيا ئەسىرى»نىڭ ئورتاق مەنزىرىسى بەرپا قىلىنىدۇ

  17 يىل ئىلگىرىكى 2001-يىلى 27-فېۋرال بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قۇرۇلدى، بۇ مەڭگۈ جۇڭگودا ئېچىش بېكىتىلگەن تۇنجى خەلقئارالىق يىغىن تەشكىلاتى. ھەر يىلى 3-، 4-ئايدا بوئاۋدا بىر مەيدان ئەقىل-پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئىدىيە ئالماشتۇرىدىغان چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ. نامسىز كىچىك بېلىقچىلىق كەنتىدىن پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىدىغان ئۆزگىچە «دىپلوماتىيە كىچىك بازىرى»غىچە، بوئاۋنىڭ ئۆزگىرىشىنى بىر رىۋايەت دېيىشكە بولىدۇ.

  پاكىستان زۇڭلىسى ئابباس يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى مۇھىم ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارالىق يىغىنغا ئايلاندى، بۇ قېتىملىق يىللىق يىغىندا كۆپ ئۆلچەم ۋە سەمىمىي پىكىرلىشىش ئارقىلىق «ئاسىيا ئەسىرى»نىڭ ئورتاق مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىساد، سودا، تېخنىكا، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز يۇغۇرىلىۋاتىدۇ، ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئوچۇق يېتەكچى ئىدىيەگە تېخىمۇ موھتاج. مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىشچان ئاسىيا، گۈللەنگەن، يۈكسەلگەن دۇنيا» بولۇپ، ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلىدۇ، يىغىنغا قاتناشقان ھەر ساھە زاتلارنىڭ بۇ توغرىسىدا تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بۇ قېتىملىق يىللىق يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر