باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىدىكى تەيۋەنلىك جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 78 كىشى فىلىپپىندىن دۆلىتىمىزگە يالاپ ئېلىپ كېلىندى

2018.04.08 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىدىكى تەيۋەنلىك جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 78 كىشى دۆلىتىمىزنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن فىلىپپىندىن دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىندى. دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ پاش قىلىنغان دېلولار پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز دېلوغا چېتىشلىق بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق بولغان زاڭ ماللارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن. بۇ، بۇ يىل 2- ئاينىڭ 26- كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 73 نەپەر چوڭ قۇرۇقلۇق جىنايەت گۇماندارىنى فىلىپپىندىن دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يەنە بىر قېتىملىق زور نەتىجىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئۆتكەن يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئۆلكىلەردە ساختىلىق بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىرىنىڭ جىنايەت دېلولىرىغا چېتىشلىق دېلولىرى ئۇدا يۈز بېرىپ كەلگەن بولۇپ، دېلولارغا چېتىشلىق زاڭ ماللارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى جىق، ھەمدە ئىجتىمائىي تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان. بۇلتۇر 10- ئايدا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىدارىسى ئادەم ئەۋەتىپ، تيەنجىن، خېبېى، ئەنخۇي، گۇاڭشى ۋە چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ج خ خەلق ساقچىلىرىدىن تەركىب تاپقان خىزمەت گۇرۇپپىسىنى باشلاپ فىلىپپىنغا بېرىپ، دۆلەت ھالقىغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىشتەك ساقچىلىق ئىشلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر