باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ھاسىلىي ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىش سوممىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا

2018.04.08 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گېرمانىيەنىڭ 5- چېسلا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017 - يىلى جۇڭگو ھاسىلىي ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىش سوممىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

  «دۇنيادا ھاسىلىي ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىشنىڭ 2018- يىلدىكى يۈزلىنىشى» ماۋزۇلۇق بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ۋە شامال ئېنېرگىيەسى تەننەرقىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىقلار ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىياتىنى سىجىل ھالدا ئىلگىرى سۈردى. 2017- يىل دۇنيادا ھاسىلىي ئېنېرگىيەگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشقان بولۇپ، 279 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن (چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). جۇڭگو ھازىرغا قەدەر دۇنيا بويىچە ھاسىلىي ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سالغۇچى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ بۇلتۇرقى مەبلەغ سېلىش سوممىسى 126 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، 2016- يىلىدىكىدىن %31 ئاشغان.

  مەزكۇر دوكلاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر دۇنيادا قۇياش ئېنېرگىيەسىگە سېلىنغان مەبلەغنىڭ سالمىقى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ تۈرگە جەمئىي 160 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى جەلپ قىلىنغان، ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، %18 ئاشقان. بۇ مەبلەغلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى جۇڭگو سالغان بولۇپ، سالغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 86 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، ھەمدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58 ئاشقان.

  بۇ دوكلات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىت مەھكىمىسى، گېرمانىيە فىرانكفورت مالىيە باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە پېڭبو يېڭى ئېنېرگىيە ئىقتىسادى مالىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تاماملانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر