باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ موڭغۇلىيە زۇڭلىسى كۈرىل سۈكە بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى

2018.04.10 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىدا ئېلىمىزگە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن موڭغۇلىيە زۇڭلىسى كۈرىل سۈكە بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇھىم قوشنا دۆلەت، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. 2014-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ موڭغۇلىيەنى زىيارەت قىلىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. جۇڭگو موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرىشىنى قۇۋۋەتلەيدۇ ھەم موڭغۇلىيە بىلەن بىللە باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك نۇقتىئىنەزەردە تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم كۆڭۈل بۆلۈشىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقە ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھۆكۈمەت، پارلامېنت، پارتىيە جەھەتلەردىكى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىردىكى ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىككى دۆلەتكە، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى بىلەن تەرەققىياتى ۋە گۈللىشىنىگە پايدىلىق بولۇشىنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتەك مۇھىم ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن بىللە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىر-بىرىنى تولۇقلاش ۋە جۇغراپىيەلىك قوشنىدارچىلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ «بىر بەلبەاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ «تەرەققىيات يولى» نى تۇتاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەركىن سودا كېلىشىمى بىرلەشمە تەتقىقاتىنى تېز يولغا قويۇپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەبلەغ سېلىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئېنېرگىيە قېزىلما بايلىقى، چېگرا ترانسىپورتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، بۇلغىنىشنى تۈزەش، شەھەر ۋە پورت ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر