باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش»كە جاۋاب قايتۇردى

2018.04.10 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9-ئاپرېل ئۆتكۈزگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چېڭ لىخۇا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يوۋ جۈن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى پىلان-مالىيە ۋە تاشقى ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شىڭيې ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىشنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

  نۇرغۇن كىشىلەر كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ ھەق نىسبىتىنى داۋاملىق باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش فوندىنىڭ ئايلىنىشى ۋە سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىنات ئۆلچىمىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ-يوق؟ دېگەنگە كۆڭۈل بۆلدى. يوۋ جۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق تەڭشەش ئەستايىدىل، ئىلمىي ھېسابلاش ۋە دەلىللەشتىن ئۆتكەن، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلىنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

  يوۋ جۈن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تۆۋەنلىتىش ئاساسلىقى 2016-يىلدىن بۇيانقى كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ داۋامى بولۇپ، %20تىن %19كە تۆۋەنلىتىلدى. ئەسلىدە قەرەلى بۇ يىل 30-ئاپرېل توشاتتى، ھازىر بىر يىل ئۇزارتىلىپ كېلەر يىلى 30-ئاپرېل توشىدىغان بولدى. ھەق نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىدىغان جايلارغا قويۇلىدىغان شەرت: فوند جۇغلانما قالدۇقى توققۇز ئايدىن ئارتۇق پۇل تۆلەشكە يېتىشى كېرەك. مۆلچەر بويىچە ھېسابلىغاندا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى ھەق نىسبىتى 1 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىتىلسە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى رايونلارنىڭ شۇ مەزگىللىك كىرىمى چىقىمدىن ئارتۇق بولىدۇ. ئاز ساندىكى كىرىمى چىقىمغىنى قامدىيالمايدىغان رايونلار جۇغلانما قالدۇقتىن پايدىلىنىپ تەڭشىسە بولىدۇ.

  2017-يىلى كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى يىغىش كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %17گە يېتىپ، يېقىندىن بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، ئومۇمىي كىرىمى 3 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن، چىقىمى 2 تىرىليون 850 مىليارد يۈەن، شۇ مەزگىللىك قالدۇقى 440 مىليارد يۈەن، جۇغلانما قالدۇقى 4 تىرىليون 140 مىليارد يۈەن، پۇل تۆلىيەلەيدىغان ئاي سانى 17.4 ئاي بولدى.

  بۇ قېتىملىق ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىدە يەنە كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىشنىڭ سىياسەت مۇددىتى داۋاملىق ئۇزارتىلدى. جاڭ يېشىڭ مۇنداق دېدى: تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىلىدۇ: بىرىنچى، كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى باسقۇچلۇق مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشنىڭ سىياسەت مۇددىتى ئىككى يىل يەنى 2020-يىلى 30-ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلىدۇ. ئىككىنچى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ يۇقىرى چېكى ھەقىقىي قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. ئۈچىنچى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنىڭ لەيلىمە ئارىلىقى كېڭەيتىلىدۇ. تۆتىنچى، تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمى ئاشۇرۇلىدۇ. يۇقىرىقى تەدبىرلەر ئارقىلىق 2018-يىلى كارخانىلارنىڭ 30 مىليارد يۈەن يۈكىنى يېنىكلىتىش مۆلچەرلەندى.

  جا يېشىڭ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن 2017-يىلى قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سوممىسى نىسبىتىنىڭ يۇقىرى چېكىنى %5تىن %3كە تۆۋەنلەتكەنىدى. شۇڭا شۇ يىلى كارخانىلار تاپشۇرىدىغان قۇرۇلۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سوممىسى 280 مىليارد يۈەن كېمەيدى. لېكىن، ھازىر بىناكارلىق كارخانىلىرى كاپالەت پۇلى تاپشۇرغاندا كۆپىنچە نەق پۇل تاپشۇرۇپ، بانكىنىڭ كېپىللىك خېتىنى ئىشلىتىش نىسبىتى 4/1گىمۇ يەتمىدى، يەنىلا زور بوشلۇق بار. بۇ يىل قۇرۇلۇش ساھەسىدىكى كېپىللىك پۇلىنى ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرۇش زورايتىلىپ، 2018-يىلى بىناكارلىق كارخانىلىرىنىڭ تەخمىنەن 20 مىليارد يۈەن يۈكىنى كېمەيتىش مۆلچەرلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر