باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توپا-توزان شىمالدىكى 10 نەچچە ئۆلكىگە تەسىر يەتكۈزدى

ئەتىدىن باشلاپ ئوتتۇرا، شەرق قىسىمدىكى رايونلاردا يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

2018.04.10 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كەڭ دائىرىلىك توپا-توزانلىق ھاۋارايى بۈگۈن شىمالدىكى رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىچكى موڭغۇل، شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قۇم بوران چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەتىدىن باشلاپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق ئېقىم غەربتىن شەرققە قاراپ پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كۆپ قىسىم جايلاردا بوران چىقىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ، ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردا كەڭ دائىرىلىك يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

  توپا-توزانلىق ھاۋارايى شىمالدىكى 10 نەچچە ئۆلكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، بوران، توپا-توزانلىق ھاۋارايى يەنە بىر قېتىم شىمالنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى قاپلايدۇ، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىمۇ ئۇدا قۇم-بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى.

  9-ئاپرېل سائەت 18دە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا قارىغاندا، 9-ئاپرېل سائەت 20دىن 10-ئاپرېل سائەت 20گىچە سوغۇق ئېقىم، بوراننىڭ تەسىرىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئويمانلىقلار، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، چىڭخەينىڭ چايدام ئويمانلىقى، گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، نىڭشيا، شەنشىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، سەنشى، خېبېي، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېنەننىڭ شىمالىي قىسمى، شەندۇڭنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇم يېغىش ياكى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئويمانلىقلار قاتارلىق جايلاردا قۇم بوران چىقىدۇ.

  يۇقىرىقى ئاگاھلاندۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 12 ئۆلكە بۇ قېتىملىق چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. بېيجىڭدا 9-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ۋە چاڭ-توزاندىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇدا تارقاتتى، مۆلچەر بويىچە 10-ئاپرېل كۈندۈزدە بېيجىڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا شىمال شامىلى كۈچىيىپ تۆت، بەش بالغا، ئۆتكۈنچى شامال يەتتە بالغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا 9-ئاپرېل يېرىم كېچىدىن باشلاپ 10-ئاپرېل كۈندۈزگىچە، بېيجىڭدا يەنە قۇم ياغىدىكەن ياكى چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.

  ئوتتۇرا شەرقىي قىسىمدا يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

  4-ئاي كىرىشى بىلەن ئوتتۇرا، شەرق قىسىمدىكى نۇرغۇن جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا كۈچلۈك ئۆزگىرىش بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا بوران، قار-يامغۇر، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايىمۇ كۆرۈلدى. ھاۋا ئېچىلىپ، تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سوغۇق ئېقىم كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا، 11-ئاپرېلدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ھاۋارايىدىن ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 11-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە، سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە مەملىكەتتىكى كۆپ قىسىم جايلاردا بوران چىقىپ، ھاۋا سوۋۇپ، تېمپېراتۇرا تۆت سېلسىيە گىرادۇستىن سەككىز گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، قىسمەن جايلاردا 10 سېلسىيە گىرادۇستىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدىكەن.

  بۇ قېتىملىق تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى ئالدىنقى قېتىملىق سوغۇق ئېقىمدەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن باشقا، يەنە كەڭ كۆلەمدە يامغۇر ياغىدىكەن، ئاساسلىق يامغۇر يېغىش ۋاقتى 12-ئاپرېل كېچىدىن 13-ئاپرېلغىچە بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر