خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاپرېل خەلق سارىيىدا ئاۋسترىيە زۇڭتۇڭى ۋاندېر بېللىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقى بىردەك جۇڭگو- ئاۋسترىيە دوستانە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ ئەمەلى ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى. ئاۋسترىيە زۇڭلىسى كۇرىز كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شى جىنپىڭ، ۋاندېر بېللىننىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكى ھەم بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ ئەپەندى زۇڭلى كۇرىز ۋە مىنىستىرلاردىن تەشكىللەنگەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدىڭىز، بۇ جۇڭگو بىلەن ئاۋسترىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش، بۇ سىزنىڭ ۋە ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو- ئاۋسترىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. زۇڭتۇڭ ئەپەندى يەنە جۇڭگو خەلق قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويىسىز، بۇ جۇڭگو خەلقىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىڭىزنى ۋە دوستلۇق ھېسسىياتىڭىزنى نامايەن قىلدى.ئاۋسترىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن ئاۋىستىرىيە ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىدا دوستانە ھېسسىيات بار.زۇڭلى كۇرىز رەھبەرلىكىدىكى ئاۋسترىيە يېڭى ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇش ۋە بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش كېلىشىمىگە كىرگۈزدى، جۇڭگو بۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. جۇڭگو ئاۋسترىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ ۋە جانلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تىخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى