باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى

ئىچكى موڭغۇل، شەنشى، خېبېي قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا قۇم ياغىدۇ ياكى چاڭ – توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

2018.04.09 16:59   مەنبە: خەلق تورى

قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالىنى داۋاملىق تارقاتتى:

  مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاپرىل سائەت 8دىن 10-ئاپرىل سائەت 8گىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ۋە بوراننىڭ تەسىرىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا- غەربىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا- غەربىي قىسمى، نىڭشيا، شەنشىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمى، سەنشىنىڭ كۆپ قىسمى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئوتتۇرا- غەربىي قىسمى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا قۇم ياغىدۇ ياكى چاڭ- توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇم-بوران چىقىدۇ.

  مۇداپىئەلىنىش كۆرسەتمىسى:

  1. بوران ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشىك- دېرىزىلەرنى ۋاقتىدا تاقاش لازىم؛

  2. ماسكا، گاز ياغلىق قاتارلىق چاڭ ـ توزاندىن ساقلىنىش بۇيۇملىرىنى ئېلىۋېلىشقا دىققەت قىلىش، قۇم- بوراننىڭ كۆز ۋە نەپەس يولىغا كىرىپ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش؛ ئىنچىكە ئەسۋابلارنى ھىملاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش لازىم؛

  3. قورشاۋ تاختا، باراڭ، ۋاقىتلىق قۇرۇلغان ئىمارەت قاتارلىق شامالدا ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى چىڭىتىش، قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان ئۆي سىرتىدىكى نەرسىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم؛

  4. كۆرۈش دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقتىن، شوپۇرلار سۈرئەتنى كونترول قىلىپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·چۇڭچىڭدا كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە ئوقۇغۇچىلىرى تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا، ئوقۇش پۇ…
    ·شىنجاڭدا 2018- يىلى يېزا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ كاپالەت مېخانىزمى ئۈچۈن بىر مىليارد ب…
    ·ھەقسىز ئوقۇيدىغان پېداگوگىكا كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پېداگوگىك…
    ·3-تۈركۈم دۆلەت «10 مىڭ كىشى پىلانى»دىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئۆزگىرىشلەر
    ·ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، يالغانچىلىق قىلغانلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىش سالاھىيى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قۇ…
    ·مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇيدۇ
    ·مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللاشتۇرۇش كېرەك
    ·مائارىپ قىزلارنىڭ تەقدىرىنى نۇرلاندۇرىدۇ___ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى جىكې شىۋۇنىڭ نەزىرىدىكى ئاز سا…