باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى

2018.04.09 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بەلگىلەنگەن دائىرە ۋە ئۆلچەم بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، يولغا قويۇش لايىھىسىنى تۈزۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى يەنىمۇ چىڭ تۇتۇپ، مەبلەغ بىرىكتۈرۈش ۋە تۈر باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى. 2018-يىلىدىن باشلاپ، نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان نامرات ناھىيەلەرنىڭ پىلاندىكى مەبلەغ بىرىكتۈرۈش كۆلىمىنىڭ بىرىكتۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىگە قارىتا بىر تۇتاش تەلەپ قويۇلمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەبلەغ بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش دائىرىسى: مەملىكەت بويىچە 832 تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايوندىكى ناھىيە ۋە دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە (نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان ناھىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). مەبلەغ بىرىكتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان نامرات ناھىيەلەر بىرىكتۈرگەن مەركەز مالىيەسى مەبلىغى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان [2016] 22-نومۇرلۇق ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن 20 چوڭ تۈر مەبلىغى دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكىلەر ئۆز ئالدىغا بېكىتكەن باشقا نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ناھىيەلەر، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئىزدەنسە بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر