خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8- ئاپرېل چۈشتىن كېيىن دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا خىزمەت زىيارىتى بىلەن كەلگەن سنېگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو- سېنگاپور مۇناسىۋىتى داۋاملىق پۇختا قەدەمدە راۋاجلىنىۋاتىدۇ، ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىق چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىلدى. جۇڭگو سنېگاپور بىلەن بىللە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سېنگاپور ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يۈزلىنىشكە يېتەكلىشى كېرەك. جۇڭگو «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى سېنگاپورنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ،«جەنۇبقا يۈزلەنگەن كارىدور» قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىرقى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇل ئەسلىھە، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇھىم تۈر ۋە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 3- تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، مۇداپىئە ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش- كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىغا تېخىمۇ ئەمەلىي پايدا يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى