باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ خاتا ئۇسۇلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ئەندىشىسىنى قوزغىدى

2018.04.10 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 9-ئاپرېل قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن.

  سوئال: بەزى چەت ئەللىك رەھبەرلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى ۋە بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇلار جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەندە ئەركىن سودا سىستېمىسىنى قوغداپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەھۋالدا، يۇقىرىقى كۆرۈشۈش، سۆھبەتلەر سىرتقا قانداق سىگنال بېرىدۇ؟

  جاۋاب: ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىگە ھەقىقەتەن يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭلا ئىشى بولماستىن، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئىشى، چۈنكى ئۇ خەلقئارا قائىدىگە ئەمەل قىلىش كېرەكمۇ-يوق؟ كۆپ تەرەپ تۈزۈلمىسىنى قوغداش كېرەكمۇ-يوق؟ ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكمۇ-يوق؟ دېگەندەك مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك.

  ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى بىر قاتار سۆز-ھەرىكىتى، بولۇپمۇ قوللانغان سودىدا جازالاش تەدبىرى ماھىيەتتە يەككە تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپكە جەڭ ئېلان قىلىشى، قورۇقچىلىقنىڭ ئەركىن سودىغا قارشى تۇرىشىدۇر. ئامېرىكىنىڭ تەدبىرى جۇڭگوغا قارىتىلىپلا قالماي، يەنە باشقا دۆلەتلەرگىمۇ قارىتىلغان، جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىپلا قالماي، يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ زىيان سالىدۇ.

  ئالاقىدار دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ يېقىندا جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆرۈشۈش، سۆھبەتلىشىشتە ئىپادىلىگەن مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتتىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك: يەككە تەرەپ، قورۇقچىلىق چارە ئەمەس، خەلقئارالىق ھەمكارلىق، كۆپ تەرەپ ماسلىشىشلا چىقىش يولى، قائىدىنى ئاساس قىلىدىغان خەلقئارا تەرتىپكە بويسۇنۇش كېرەك، دەپ تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلىدى. ئامېرىكىنىڭ خاتا ئۇسۇلى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك دىققىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىدى. بۇمۇ «ھەققانىيەتچىلەر ئەلنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ، نائەھلىلەر مەدەتسىز قالىدۇ» دېگەن گەپنى ئىسپاتلىدى.

  جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، سودا قورۇقچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلىقلاشتۇرۇشنى قوللاپ، كۆپ تەرەپ سودا تۈزۈلمىسىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئومۇمىيۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق مەنپەئەتلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر