باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەيۋەن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ «تىجارەت قىلىشنى تەستىقلاش گۇۋاھنامىسى» ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2018.04.10 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاپرېل، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەيۋەن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ «تىجارەت قىلشنى تەستىقلاش گۇۋاھنامىسى» ئۈستىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئېلان قىلىنغان دوكىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، تەيۋەن مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان تەيۋەن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ «تىجارەت قىلىشنى تەستىقلاش گۇۋاھنامىسى»گە قارىتا، تەيۋەن تەرەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇلارنىڭ مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق، دەپ قارىغان. سىلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىلەر؟

  ۋۇ چيەن مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش مەيدانى ئېنىق ۋە ئىزچىل. تەيۋەن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىز جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئارىسىدىكى بارلىق شەكىلدىكى ھەربىي ئالاقىلارنى توختىتىشى ۋە تەيۋەنگە قۇرال سېتىشتىكى بارلىق شەكىلدىكى ھەرىكەتلەرنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنىدىغانلارنى مەغلۇپ قىلىشقا ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسى تولۇق، ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداشتىكى بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر