ئۇ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى مۇھىم تەدبىرلىرىنى جاكارلىدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاپرىل چۈشتىن بۇرۇن، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018-يىلىدىكى يىللىق يىغىنى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ بوئاۋدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئېچىۋېتىش، بىرلىكتە گۈللىنىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىش» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقايسى دۆلەتلەر دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز قەدەم بىلەن ئىلگىرلىشى لازىم؛ جۇڭگو ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى، مۇھىم تەدبىرلەرنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.
ئاپرېل ئېيىدىكى بوئاۋ مەيىن شامال، ئىللىق ئاپتاپقا چۆمۈلگەن بولۇپ، دېڭىز كۆپكۆك، تاغلىرى ياپيېشىل ئىدى. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى خەلقئارا يىغىن مەركىزىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىملاردا، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئاۋسترىيە زۇڭتۇڭى ۋان دېر بېللېن، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت، موڭغۇلىيە زۇڭلىسى خۇرىلسۇخ، گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇتتې، پاكىستان زۇڭلىسى ئابباس، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، ب د ت باش كاتىپى گۇتېررېس، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدېرى لاگارد قاتارلىق چەت ئەللىك رەھبەرلەر بىلەن بىرگە يىغىن مەيدانىغا كىردى. ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ئالقىش ياڭراتتى.
قىزغىن چاۋاكلار ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇنبەرگە چىقىپ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاسىيا ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىن «ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادچان ئاسىيا، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان دۇنيا» ئاساسىي تېمىسىدا بولۇپ، دەۋر ئېقىمىغا لايىقلىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن بولدى.
باشلىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم ئاسىيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى باشلىقلار يىغىنى ۋەكىللىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە مۇھاجىرلار ۋەكىللىرى، ئىككى قىرغاق ئورتاق بازىرى فوند جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مېھمان كۈتۈش زالىغا بېرىپ، چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە جورىلىرىنى كۈتۈۋالدى ھەمدە كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018- يىللىق يىغىنى 8-ئاپرىلدىن 11- ئاپرىلغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، «ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادچان ئاسىيا، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان دۇنيا» باش تېما قىلىنغان. يىغىنغا ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن رەھبەرلەر، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا سىياسىي ساھە، سودا-سانائەت ساھەسىدىكى شەخسلەر، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار قاتارلىق 2000دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى