باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش، ئۆيلۈك يەرنىڭ «ئۈچ ھوقۇقىنى ئايرىش» ئۈستىدە ئىزدىنىش، كۆرسەتكۈچنى ئۆلكە ھالقىپ تەڭشەش

يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى يارقىن نۇقتىلار

2018.04.09 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: «يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ساقلىنىدۇ ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتىلمەيدۇ، 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بۇ سىياسەتنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش بېكىتىلدى. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى يېزا ئىقتىسادى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يې شىڭچىڭ: بۇ سىياسەت ئورۇنلاشتۇرۇمىسى ھەم مۇقىملىقنى، ھەم جانلىقلىقنى ئىپادىلىدى، دېدى.

  مۇقىملىق ____ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز يېزا يەرلىرىنى ئىككى نۆۋەت ھۆددىگە بەردى، 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددە مۇددىتى تۇشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنى 75 يىل مۇقىم قىلىدۇ. يې شىڭچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەيدۇ، ھۆددە يېرى بار ئادەتتىكى دېھقانلار ۋە ھۆددە يەرنى ئوبوروت قىلغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىغا قارىتا كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولى ئوينايدۇ.

  يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاھالىلەرگە يەر بۆلۈپ بېرىش-بەرمەسلىك توغرىسىدا يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرى خەن چاڭفۇ يېقىندا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي پىرىنسىپ ھۆددە يەرنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئازراق تەڭشەشتە چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەنت كوللېكتىپى دېموكراتىك كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتۇر. 2-نۆۋەتلىك ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، يەنە قانۇن ۋە دېھقانلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە كوللېكتىپ پىكىر ئېلىنىپ بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ.

  ئائىلە بويىچە شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنىڭ ھۆددە يېرىگە قارىتا، ھازىرقى سىياسەت بويىچە قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىقنى دېھقانلار ئۆزى ئىختىيارىي بېكىتىدۇ، قانۇن بويىچە كەنت كوللېكتىپىغا ھەقلىق قايتۇرۇپ بېرىش رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. يې شىڭچىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر كەم بولۇۋاتقىنى ھوقۇقنى چېكىندۈرۈپ بازارلاشتۇرۇش يولى. كەنت، يېزا ھالقىغان جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك يېزا يېرىنى يىغىپ ساقلاپ تۈزەش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، يېزىدىن ئايرىلىپ شەھەرگە كەتكەن، ئۆزى ئىختىيارىي چېكىنىپ چىققان دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىۋېلىپ تۈزەپ، مۇۋاپىق كۆلەمدە سىرتقا ھۆددىگە بەرسە بولىدۇ.

  بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە:« ئۆيلۈك يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت <ئۈچ ھوقۇقىنى ئايرىش> ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئۆيلۈك يەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئۆيلۈك يەرنىڭ دېھقان ئائىلىسى سالاھىيەت ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇۋاپىق قويۇۋېتىلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ئىسلاھاتى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىكار تۇرغان يېزا ئۆيلىرى ۋە ئۆيلۈك يەرلەرنى ئىشلىتىشنى بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بىكار تۇرغان يېزا ئۆيلىرى، ئۆيلۈك يەرلەرنى ئىشلىتىش بىلەن بىللە ئېلىپ-سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  يې شىڭچىڭ مۇنداق دېدى: «ئىشلەتكەن» ياكى «ئېلىپ ساتقان»لىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى كىمنىڭ يېتەكلىگەنلىكىگە قاراش كېرەك. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، پەقەت يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى ئەزالىرىلا ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ، بىكار تۇرغان يېزا ئۆيلىرى، ئۆيلۈك يەرلەرنى ئىشلىتىشتە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچى رولىنى تەكىتلەش كېرەك، سودا-سانائەت كاپىتالى بىلەن شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىكار تۇرغان بايلىقلارنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇش كېرەك. ھايانكەشلىك كاپېتالنىڭ بىكار تۇرغان ئۆيلۈك يەر، يېزا ئۆيلىرىنى ئېلىپ-سېتىشى، شۇنداقلا شەھەردىكى ھايانكەش كاپېتالنىڭ يېزا ئۆيلۈك يېرىگە داچا، خۇسۇسىي ساراي سېلىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە:«تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەش-تولۇقلىما بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش چارىسى ياخشىلىنىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى قاتارلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەر كۆرسەتكۈچى ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش يېرىنى كۆپەيتىش-ئازايتىشقا باغلىنىشلىق ئېشىنچا كۆرسەتكۈچىنى ئۆلكە ھالقىپ تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، تاپاۋەت پايدىسىنىڭ ھەممىسى چىقىم خامچوتى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا بۇ قايتا تەكىتلەندى.

  بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تېرىلغۇ يەرنى ئۆلكە ھالقىپ تولۇقلاشنى دۆلەت بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش يېرىنى كۆپەيتىش-ئازايتىشقا باغلىنىشلىق ئېشىنچا كۆرسەتكۈچىنى ئۆلكە ھالقىپ تەڭشەپ باشقۇرۇش چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئىككى تۈرلۈك يېڭى سىياسەتنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۆرسەتكۈچ مىقدار، باھانى قانداق بېكىتىش قاتارلىق جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇردى.

  تېرىلغۇ يەرنى ئۆلكە ھالقىپ تولۇقلاشنى بىر تۇتاش پىلانلاش توغرىسىدا «چارە»دە مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى كۆرسەتكۈچنى تەڭشەش ۋاسىتىچىسى بولۇپ، ئىگىلىگەن تېرىلغۇ يەرنىڭ تىپى بويىچە ئۆلچەملىك باھانى بېكىتىپ، كۆرسەتكۈچ تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات دەرىجىسىگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان تۆلەم ھەققى ئېلىش، بەش دەرىجىلىك ئۆلكە كۆرسەتكۈچىنى تەڭشەش كوئېففىتسېنتى ئىچىدە، بېيجىڭ، شاڭخەي 1-دەرىجىلىك رايون بولۇپ، تەڭشەش كوئېففىتسېنتىنى 2 قىلىش، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۇيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر 5-دەرىجىلىك رايون بولۇپ، تەڭشەش كوئېففىتسېنتىنى 0.5 قىلىش بېكىتىلدى.

  كۆپەيتىش-ئازايتىشقا باغلىنىشلىق ئېشىنچا كۆرسەتكۈچنى ئۆلكە ھالقىپ تەڭشەش توغرىسىدا، «چارە»دە دۆلەت بىر تۇتاش پىلانلاپ ئۆلكە ھالقىپ تەڭشەپ ئىشلىتىدىغان شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش يېرىنى كۆپەيتىش-ئازايتىشقا باغلىنىشلىق ئېشىنچا كۆرسەتكۈچنىڭ دائىرىسى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»(شىزاڭ، تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشەن ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا ئوبلاستى) ۋە باشقا ئېغىر نامرات ناھىيەلەر بولىدىغانلىقى بېكىتىلدى. بۇ تۈرنىڭ ئۆلچەم مىقدارى، باھاسىنى مەركەزنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى بەلگىلەيدۇ، تەمىنلىگۈچى ۋە ئېھتىياجلىق ئىككى تەرەپ ئەركىن باھا قويمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ بەلگىلىمە كۆرسەتكۈچ بىلەن تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ قارىغۇلۇقىنى ئازايتىشقا پايدىلىق بولۇپ، كۆرسەتكۈچ باھاسىنىڭ چوڭ ئۆزگىرىشىنى ساقلايدۇ. لېكىن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى پىلان بويىچە تەقسىم قىلىنغان كۆرسەتكۈچ مىقدارى جايلار تەمىنلىگەن ئېشىنچا كۆرسەتكۈچنىڭ يوشۇرۇن كۈچى، ئارزۇسىدىن چەتنەپ، قىسمەن جايلارنىڭ ئېشىنچا كۆرسەتكۈچنىڭ «ئىشلەپچىقىرىش كۈچى»نى يۇقىرىدىن-تۆۋەنگىچە تەقسىملەپ، مەمۇرىي ئىلگىرى سۈرۈش، بۇيرۇقۋازلىق قىلىش، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىشتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر