بۇ، 10- ئاپرېل كېنىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ناروك ۋىلايىتىدە سۈرەتكە ئېلىنغان كۆرۈنۈش بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشتىكىسى دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئاپتوموبىلى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېنىيەنىڭ يەرلىك ئەمەلدارى 10- چېسلا مۇنداق دېدى: ناروك ۋىلايىتىدە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىر يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ئۆرۈلۈپ دەرياغا چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاز دېگەندىمۇ 17 ئادەم قازا قىلدى، يەنە 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى