باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئۈچ خىل خاراكتېردىكى كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئاسان مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ

قاراپ بېقىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە سىزمۇ بارمىكەنسىز؟

2018.04.10 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىرقى جەمئىيەتتە، ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئىگىلىمەكتە، بەزى كىشىلەر ھەتتا خۇمار بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنى تارتالماي قالماقتا. ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، ئۈچ خىل خاراكتېردىكى كىشىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئاسان مەپتۇن بولۇپ قالىدىكەن، تورداشلار ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ كۆرسە بولىدۇ.

  بۇ تەتقىقاتنى ئامېرىكا نيۇ يورك بىڭخامتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات ئۆمىكى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار 300 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ خاراكتېرى ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىش چاستوتىسىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلغان. «خاراكتېر بەش ئامىل مودېلى» نەزەرىيەسىدە ئىنسانلار نېرۋا مىجەز، ئوچۇق مىجەز، يېقىملىق مىجەز، تاشقى مىجەز ۋە مەسئۇلىيەتچان مىجەز قاتارلىق بەش خىل ئاساسلىق خاراكتېرغا بۆلۈنگەن. بۇ تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا بېقىنىپ قېلىش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك بىلەن، يەنى نېرۋا مىجەز، مەسئۇلىيەتچان مىجەز ۋە يېقىملىق مىجەز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، نېرۋا مىجەز كىشىلەرنىڭ روھىي بېسىم ۋە تەشۋىشلىنىش سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن، پاسسىپ كەيپىياتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دۇنياسىغا پېتىپ قېلىپ، ئۆزىنى كونترول قىلالماسلىق مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى ئىكەن؛ يېقىملىق ۋە مەسئۇلىيەتچان مىجەز خاراكتېرىدىكى كىشىلەر توپى كىشىلەرگە دوستانە بولۇپ، ھېسداشلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك ھەم بەلگىلىك ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن، لېكىن دەل بۇ خىل يۈكسەك دەرىجىدىكى دوستانىلىك ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق سەۋەبلىك، ئۇلار دوستلۇقى ۋە ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىدىكەن. كىشىنى بىرئاز ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، باشقا ئىككى خىل خاراكتېر ئالاھىدىلىكىدىكى كىشىلەر، يەنى ئوچۇق خاراكتېر ۋە تاشقى خاراكتېردىكى كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا تايىنىپ قېلىشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن.

  بىڭخامتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پىروفېسسورى ئەيساك ۋاگفىنىڭ دېيىشىچە، بۇ بايقاش تورغا ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا خۇمار بولۇش قاتارلىقلارغا بولغان تونۇش، چۈشىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى يېڭى نەزەر بىلەن تەمىنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر