باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى رېن گوچياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2018.04.11 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى رېن گوچياڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  سوئال: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا جۇڭگو تەرەپ نەنشا تاقىم ئاراللىرىدىكى جابدۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتكەن، بۇ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا يۈرۈش ئەركىنلىك ھەرىكىتىگە قارىتىلغان قارشى تەدبىرمۇ؟ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

  جاۋاب: نەنشا تاقىم ئاراللىرى جۇڭگونىڭ زېمىنى. جۇڭگو نەنشا تاقىم ئارىلىنىڭ ئالاقىدار خادا تاشلىرىدا قوشۇن تۇرغۇزۇشى ۋە دۆلەت زېمىنىنى قوغداشتىكى زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ ھوقۇقى، بۇ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق، نەنخەي دېڭىز قاتنىشى يولىنىڭ ئەركىن، راۋان ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق، رايوننىڭ تىنچ- مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇپ، ھېچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغان. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، مۇداپىئەلىنىش خاراكتېرىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى ۋە ئاكتىپ مۇداپىئە كۆرۈش ئاساسىدىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەدە چىڭ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا تەۋرەنمەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر