باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، گۈللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلايلى

ــــ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018ـ يىللىق يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى

2018.04.11 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2018ـ يىلى 4ـ ئاينىڭ 10ـ كۈنى، خەينەن بوئاۋ)

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، مىنىستىرلار،ھۆرمەتلىك بوئاۋ مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ۋە كاندىدات كېڭەش ئەزالىرى، ئەزىز مېھمانلار، خانىملار، ئەپەندىلەر، دوستلار:

  ئاپرېل ئېيىدىكى خەينەندە ھاۋا ئىللىق ۋە مەيىن شامال چىقىۋاتقان بولۇپ، ھەممە جاي يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. بۇ گۈزەل پەسىلدە ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار جەم بولۇپ، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى 2018-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ ئولتۇرماقتا. خەينەننىڭ «كۆرۈشمىسەك تۇرالمايمىز» دېگەن خەلق ناخشىسى بار. بۈگۈن مۇشۇنداق بىر پۇرسەتتە ھەر قايسى يېڭى، كونا دوستلار بىلەن كۆرۈشكىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى شۇنداقلا ئۆز نامىمدىن ھەر قايسى ئەزىز مېھمانلارنى سەمىمىي قارشى ئالىمەن! يىللىق يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەۋقەنى ئاسىياغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئاسىيانىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، نۇرغۇن قىممەتلىك «بوئاۋ لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پائال تۆھپە قوشتى. بۇ يىل مۇنبەر كېڭىشىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش يىلى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، پات ئارىدا ۋەزىپىدىن ئايرىلىدىغان ھەر قايسى كېڭەش ئەزالىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! يېڭىدىن سايلانغان ھەر قايسى كېڭەش ئەزالىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!

  بۇ نۆۋەتلىك يىللىق يىغىننىڭ باش تېمىسى− «ئېچىۋېتىلگەن، ئىجادچان ئاسىيا، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا» بولۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشقان، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ھەر قايسى ئەزىز مېھمانلار ۋە ھەر ساھە ئەربابلارنىڭ كەڭ-كۇشادە سۆزلىشىپ، توغرا ۋە ئېنىق كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  خانىملار، ئەپەندىملەر، دوستلار!

  تارىخ، ھەمىشە بەزى ئالاھىدە يىللاردا كىشىلەرگە ئەقىل-پاراسەت، داۋاملىق ئالغان ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ ئاتا قىلىپ كەلدى. 2018ـ يىلى جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، شۇنداقلا خەينەن ئۆلكىسىدە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. خەينەن ئۆلكىسىنى «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە گۈللەنگەن» دېيىشكە بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خەينەن نىسبەتەن بېكىنمە، ئارقىدا قالغان چەت ياقىدىكى ئارالدىن تەرەققىي قىلىپ جۇڭگودىكى ئەڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتتە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  بىر تامچە سۇدىنىمۇ قۇياش نۇرى ئەكس ئېتىدۇ، بىر جاي بىر دۆلەتنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ. خەينەننىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم تارىخىي شاھىتى.

  1978- يىلى دىڭ شياۋپىڭ ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 11ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3ـ ئومۇمىي يىغىنى بەلگە قىلىنىپ، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي مۇساپىسى باشلاندى. يېزىلاردىن شەھەرلەرگىچە، سىناق نۇقتىسى قىلىشتىن ئومۇملاشتۇرۇشقىچە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، 40 يىل ئىرادىدىن سېپىل ياسالغان، 40 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن، 40 يىل زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن يىل بولدى، جۇڭگو خەلقى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇلۇغ داستانلارنى يازدى.

  ـــ40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى باشتىن ـ ئاخىر جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلدى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. جاپا تارتساڭ ھالاۋىتى بولۇر، ئەجىر قىلساڭ تېگى ئالتۇن بولۇر. جۇڭگو خەلقى پۈتۈن زېھنىنى قۇرۇلۇش قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشتە قەتئىي تەۋرەنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، بەلنى چىڭ باغلاپ، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو دۇنيادىكى 2ـ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، 1- چوڭ سانائەت دۆلىتى، 1- چوڭ مال سودىسى دۆلىتى، 1-چوڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا ئىگە دۆلەتكە ئايلاندى. 40 يىلدىن بۇيان، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىشى تەخمىنەن %9.5 بولدى؛ دوللار بويىچە ھېسابلىغاندا، جۇڭگونىڭ تاشقى سودا سوممىسى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ٪14.5 ئاشتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇشى يېتىشمەسلىكتىن يېتەرلىك بولۇشقا، نامراتلىقتىن ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ يۈزلەندى، ھازىرقى ب د ت نىڭ ئۆلچىمىدىكى 700 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدە دۇنيا بويىچە ئازايتىلغان نامرات نوپۇس ئومۇمىي سانىنىڭ ٪70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر