باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ۋىۋىسكا ئېسىلدى

2018.04.11 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا 10-ئاپرېل ۋىۋىسكا ئېسىلدى. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، باشلىقى جاڭ جيەنلۇڭ دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يۇڭلى يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  «پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، ئەسلىدىكى دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتلاقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە ئەسلىدىكى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، ئەسلىدىكى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، ئەسلىدىكى دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايون، داڭلىق مەنزىرە رايونى، تەبىئىي مىراس، گېئولوگىيەلىك باغچا قاتارلىقلارنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، دۆلەت باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋىۋىسكىسى قوشۇپ ئېسىلىپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى باشقۇرىدۇ. ئاساسلىقى ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆل-باياۋان ۋە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللەپ، ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت باغچىسى قاتارلىق تەبىئىي مۇھاپىزەت يەرلىرىنى قوغدايدۇ، بۇنىڭدا ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆل-باياۋاننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسىنى تېزدىن قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر