باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى تورغا چىقىرىلدى

2018.04.10 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو چەت ئەل تىلىدا نەشر قىلىش، تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىگە قاراشلىق چەت ئەل تىلى نەشرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى 9-ئاپرېل ئامازون، overdrive، يىيۆتۇڭ، جاڭيۆدىن ئىبارەت تۆت رەقەملىك سودا سۇپىسىدا تورغا چىقىرىلىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سېتىۋېلىشىغا سۇنۇلدى.

  «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» ناملىق كىتاب جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەسىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا شى جىنپىڭنىڭ 1988-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە، نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتىگەن مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ماقالىلىرىدىن 29 پارچىسى كىرگۈزۈلگەن. يەنە ئون پارچە رەڭلىك سۈرەت كىرگۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ نىڭدېدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدىكى ئالتە پارچە خىزمەت سۈرىتى بار. بۇ كىتابتا شەرقىي فۇجيەننىڭ قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغانلىقى، تەرەققىياتنى تېزلەتكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي تېما زىچ چۆرىدىلىپ، بىر قاتار تۈزۈم، ئىدىيە، كۆزقاراش ۋە ئۇسۇللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شەرقىي فۇجيەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە مۇپەسسەل جاۋاب بېرىلگەن، كىتابنىڭ مەزمۇنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ، ئىدىيەسى مول ھەم تىرەن، يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى جانلىق ھەم يېقىملىق بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى نەزەرىيەۋى قىممەتكە ئىگە. بۇ كىتان يەنە يولداش شى جىنپىڭنىڭ نىڭدېدىكى ئىككى يىللىق جاپالىق خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسى بولۇپ، ئۇنىڭ جاپالىق رايونلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكلەشتىكى قەتئىي غايە-ئېتىقادى ۋە خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر