- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمىنىڭ ئايلىنىشى سىجىل ياخشىلىنىپ، بۇلتۇرقىدىن %13.6 ئاشتى
2018.04.10 16:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمى سىجىل ئېشىپ، ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلدى. مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئايدىن 3-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى بۇلتۇرقىدىن %13.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ كىرىمى %18.9، يەرلىكنىڭ كىرىمى %9.1 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى يۇقىرى تۈپ سان ئاساسىدا بىر قەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىغان.
بۇ يىل 1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە باج كىرىمى بۇلتۇرقىدىن %17.3 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.6 پىرسەنت پوئىنت تېز بولغان؛ مەملىكەت بويىچە باجدىن باشقا كىرىم بۇلتۇرقىدىن %7.5 تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 18.1 پىرسەنت پوئىنت ئازايغان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۈرلۈك ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى ۋە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى تۈپ سان يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ئىكەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا، 1-ئايدىن 3-ئايغىچە باج كىرىمىنىڭ مالىيە كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %87.7گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، مالىيە كىرىمىنىڭ سۈپىتى يەنىمۇ ئاشقان.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر