باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1- پەسىلدە ھەرقايسى تاموژنىلار تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، چەت ئەل ئەخلەتلىرى ئەتكەسچىلىكىگە ئائىت دېلولاردىن 139ى بىر تەرەپ قىلىندى

2018.04.11 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- پەسىلدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى تامۇژنىلار تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈش ئارقىلىق، چەت ئەل ئەخلەتلىرى ئەتكەسچىلىكىگە ئائىت جىنايەت دېلولىرىدىن 139ى بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭدا، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق بايقالغان ۋە ئۇ دېلولارغا چېتىشلىق بولغان تۈرلۈك تاشلاندۇقلارنىڭ مىقدارى 254 مىڭ توننىغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، گوڭبېي تامۇژنىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان شۇ چوڭ دېلودىكى قاتتىق ھالەتتىكى تاشلاندۇقلارنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلۈشىدەك ئەتكەسچىلىك دېلوسىدا، شۇ دېلوغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ ئىسپاتلانغان قاتتىق ھالەتتىكى تاشلاندۇقلارنىڭ ئېغىرلىقى 27 مىڭ توننىغا يەتكەن. ئۇندىن باشقا، 1- پەسىلدە، تاموژنىلار دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋاناتلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئۇلاردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار دېگەندەكلەرنىڭ ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان شۇ خىل جىنايەتلەرگە چېتىشلىق دېلولاردىن 52سىنى بىر تەرەپ قىلغان. بۇ دېلولارنىڭ ئىچىدە، پىل چىشى بۇيۇملىرى ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش جىنايىتى دېلولىرىدىن 15ى بار بولۇپ، مەزكۇر دېلولاردا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن پىل چىشى بۇيۇملىرى 56.22 كىلوگىرامغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر