باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا 4- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ تۇنجى تۈركۈمدىكى جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلىنىدۇ

بېيجىڭدا ئۇدا يەتتە يىل ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تاپشۇرغانلار ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

2018.04.12 10:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش مەشغۇلاتىنى باشقۇرۇش تەپسىلىي قائىدىسى» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « تەپسىلىي قائىدە» دېيىلىدۇ) رەسمىي ئېلان قىلىندى، بېيجىڭ شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئىدارە باشلىقى شۈ شى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. بېيجىڭدا 4- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ بۇنىڭغا ئائىت لىنىيە سىستېمىسى رەسمىي ئېچىۋېتىلىدۇ، تۇنجى تۈركۈمدىكى جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى رەسمىي باشلىنىدۇ، ھەمدە جەمئىيەتنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  مەلۇم بولۇشىچە، 2016- يىلى 8- ئايدا، بېيجىڭ شەھىرى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « چارە » دېيىلىدۇ)نى سىرتقا رەسمىي ئېلان قىلغان. مەزكۇر «چارە»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ جەملىمە نومۇر بويىچە نوپۇسقا ئالدۇرۇش خىزمىتى 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر يىلى بىر قېتىم ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، يەنى 2018 - يىللىق ئىلتىماس قىلىش باشلانغاندا، 2017- يىللىق جەملىمە نومۇر ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش لازىم. نۆۋەتتە، ئالاقىدار تارماقلار 2017- يىللىق پۈتۈن يىللىق ئاساسىي سانلىق مەلۇماتنى توپلاش خىزمىتىنى تاماملاپ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر